مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋر مائارىپىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز

2019.10.10 15:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى −

  يېڭى دەۋر مائارىپىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتتە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋر مائارىپىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز.

  ■ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» شىنجاڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مەنىۋى «كالتسىي» تولۇقلاشقا، ئىدىيەۋى «روھ»نى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز.

  بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېتەكچىسى چېن شۆيا مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە يېتەكچىلەرنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، مەن نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن».

  ■ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدا ئانارنىڭ دانىسى بولىمىز

  «ئىتتىپاقلىق بولمىسا، بەختلىك تۇرمۇش بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش بىزدەك مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى يۇلتۇز يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتكەن كادىر ما شياڭتىڭ مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يەسلىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرىمەن».

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36 - ئوتتۇرا مەكتەپ باشتىن - ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، مەكتەپنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتۈش»تەك ياخشى كەيپىيات ياراتتى. بۇ مەكتەپنىڭ پارتىيە باش ياچېيكا شۇجىسى بەي يادىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەممە كىشى تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدا ئانارنىڭ دانىسى بولىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىمىز.

  ئىلى سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى ئاساسىي ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما چۇنشيا مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتەك شەرەپلىك بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىم، كۈچۈمنى بېغىشلايمەن».

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، فۇ شياڭلۇڭ، جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، جەزىرە نېسىپبېك، ۋاڭ دۇڭ يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ