مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ 10- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆز ۋاقتىدا پار بىلەن تەمىنلەش تەييارلىقى پۈتتى

2019.10.09 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى بىر نەچچە كارخانا ئارقا-ئارقىدىن پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئىشقا سېلىپ، 10- ئۆكتەبىردىن باشلاپ پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مۇددىتى شۇ يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە بولىدىكەن. مۇخبىرنىڭ 7- ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى بىر نەچچە كارخانىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قىشتىن ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەن بولۇپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى قىسمەن كارخانىلار پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.«ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» بولسا، ئۇنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئەڭ زور ھېسابلىنىدىغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 75 مىليون 880 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا، ئىسسىقلىق ئىشلىتىدىغان ئائىلە 500 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىدىكەن. 10- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى بۇ كارخانا 10- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن بۇرۇن پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئىشقا سالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ