ئۈرۈمچىدە چوڭياڭ بايرىمىدا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى قويۇق بولدى

2019.10.08 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى شىنمىن يولى تارماق رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭشېڭ مەھەللىسىدىكى ياشانغانلار خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە تورت كەستى.

  شۇ كۈنى چوڭياڭ بايرىمى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى شىنمىن يولى تارماق رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى خوڭشېڭ مەھەللىسى مەھەللىدىكى ياشانغانلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بايرامنى تەبرىكلىدى. ھەر مىللەت ياشانغانلار خۇشال كەيپىياتتا مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ئويۇن ئويناپ، تورت يەپ بايرام ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ