مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىققەتنى باش تېما، باش لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش  مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش

2019.10.08 14:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى

  2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىنچىكە پىلانلاپ، باش تېما تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەمدە قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى:

  بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئۆگىنىش

  مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىش

  بايىنغولىن ئوبلاستى دىققەتنى باش تېما، باش لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، كەمتەرلىك بىلەن ئويلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىش، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

  چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئوييايلاق بازىرى بۇغۇنا كەنتىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جېنلياڭ ئۆگىنىدىغان كىتاب، خاتىرىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماي، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگەندى.

  «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى سۇچىلىق تارماقلىرى <سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش>تىن ئىبارەت سۇنى تىزگىنلەش فاڭجېنىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، <سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، سۇچىلىق ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش>تىن ئىبارەت باش رىتىمنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ.» جاڭ جېنلياڭ مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرغاق، سۇ كەمچىل رايونغا تەۋە، جەزمەن سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، سۇ تېجەپ ئىشلىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى؛ دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى تۇتقا قىلىپ، دەريا - كۆللەرنى قوغداش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى؛ يېزا - كەنتلەردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ھەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، سۇچىلىقتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، سۇچىلىق ئىسلاھاتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

  چەرچەن ناھىيەسىدە باش تېما تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى − يېزا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ جيەنيۇڭمۇ ئۆگىنىشنى بىرىنچى سەپكە ئېلىپ باردى. ئۇ چوڭقۇر تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىدىغان پارتىيەلىك كادىرلار بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئەستايىدىل بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ، ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆزى ئىزدەش، ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئىدىتلايمىز.

  ھازىر، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى كۆڭۈل قويۇپ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆز خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، بىرىنچى سەپتىكى مەسىلىلەرگە تەتبىقلاپ ئۆگەندى ۋە پىكىر يۈرگۈزدى. دىققەتنى نۆۋەتتىكى خىزمەتتە كۆرۈلگەن رېئال مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە ئىچىدىن مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەدبىرلەرنى تېپىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگىنىشتە تەپەككۇر قىلىش، ئۆگىنىشتە ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  قاراماي شەھىرى:

  ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈش

  تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇش

  9- ئاينىڭ 12- كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى پەللىدىن باشلاشقا، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى بەنزە ئەزالىرىنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىشى، تەتقىق قىلىشى - مۇھاكىمە قىلىشىنى ياخشى تۇتقاندىن سىرت، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئىدىيە جەھەتتە «يەنە زەرەتلەتكۈزدى»، روھىي جەھەتتە «يەنە كالتسىي تولۇقلاتقۇزدى».

  قاراماي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ پىڭ مۇنداق دېدى: «بىز 2- تۈركۈمدىكى <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل قايتا ئويلىنىپ، سەۋەبنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، <تۈزىتىش>نى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، <تۈزىتىش> ئارقىلىق باشلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى گۈزەل قاراماي بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز».

  ئۆگىنىش شەكلى، ئۇسۇلىدا كۈچ سەرپ قىلغاندىن سىرت، قاراماي شەھىرى يەنە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى، كونا مەھەللىلەرنى رېمونت قىلىش، شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇشنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئۈچ مەسىلىنى چىقىش قىلىپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى باشلاشنى نامايان قىلىپ، ۋاقتىدا، سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

  پارنىڭ ئىسسىش - ئىسسىماسلىقى قاراماي شەھەر ئاھالىلىرى قىشتا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى. باش تېما تەربىيەسى قوزغىتىلغاندىن كېيىن، قاراماي شەھەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرقەدەر مەركەزلەشكەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتىكى سۈپەت ۋە مۇلازىمەت مەسىلىسىگە قارىتا، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  قاراماي شەھەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش مۇدىر، باش دىرېكتور ۋۇ شىڭمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇپ، ياخشى تۈزىتىپ، <ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش>نى پۇقرالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا گەۋدىلەندۈرىمىز».

  قىزىلسۇ ئوبلاستى:

  «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەش

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قىزىلسۇ ئوبلاستى ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتتى. ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش، كىتاب ئوقۇش سىنىپى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇردى، بۇرچنى يېتەكلىدى؛ رەھبەرلىك بەنزىسى «ئون مىڭ پارچە كىتاب ئوقۇش» بىلەن «مىڭ جىڭلىق ئەپكەش كۆتۈرۈش»نى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى ئۆزىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى، مەسئۇل بولغان خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىش، تۇتاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەر، ئەسلىي تېكىستنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ئىلغار تىپلار تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى.

  باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ھەم پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئىدىيەدىكى يىلتىزلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەم ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېپقالغان 54 مىڭ 500 ئېغىر نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ 2 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى بارىن كەنتىدىكى ھەربىر ئائىلىگە بىردىن ھاجەتخانا سېلىپ بېرىش، بىردىن توكلۇق مۇنچا ئورنىتىپ بېرىش ھەم شارائىتى ناچار ھويلا - ئارانلارنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بېرىش، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلار مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش، يۇيۇنۇش قىيىن بولۇش ۋە ھويلا - ئاران يوللىرىدا چاڭ - توزان كۆپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پىلانلىدى.

  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لوڭ مىڭجى مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>نى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2020 - يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

  (مۇخبىرلىرىمىز پەرىزات، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېنخۇا، خۇ ۋېيخۇا، ۋاڭ كېشيا يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ