مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش

2019.10.08 14:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − قۇربان تۇلۇم توغرىسىدا قايتا زىيارەت

  مۇخبىرىمىز پەرىزات

  20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە ئولتۇرۇشلۇق خوتەنلىك دېھقان قۇربان تۇلۇمنىڭ قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەرنى ئېلىپ، ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى يوقلىماقچى بولغانلىقى تىللاردا داستان بولۇپ، جۇڭگو زېمىنىغا تارالدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن تۇپرىقىدا يۈرگەندە قۇربان تاغىنىڭ «قالدۇرغان ئىزى»نى ھېلىھەم چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ: ماۋ جۇشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تۇرغان ھەيكەل، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن خاتىرە ساراي، يۇرتداشلارنىڭ خاتىرىسىدىكى ئۇششاق ھېكايىلەر قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى نۇر چاچقۇزماقتا.

  ■ ئۆي - ماكانسىزلىقتىن خاتىرجەم ياشاشقىچە

  1883- يىلى، قۇربان خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدىكى بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ يانچى بولغان. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، قۇل قىلىنىش، بوزەك قىلىنىشتەك تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇ خوتۇنىنى ئېلىپ چۆل - باياۋانغا قېچىپ كەتكەن، ئاخىرىدا ئېزىپ قېلىپ خوتۇنى بىلەن تېپىشالمىغان. 1949- يىلى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى چۆل - باياۋاندا قۇرباننى بايقىغان ھەم ئۇنى كەنتكە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تۇرىدىغان جاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن، يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئايرىلىپ قالغان خوتۇنى ۋە 16 ياشقا كىرىپ قالغان، ئەمما يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان قىزىنى تېپىپ بەرگەن.

  شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، قۇربانغا 14 مو تېرىلغۇ يەر بۆلۈپ بېرىلگەن، بىر يۈرۈش ئۆيى ۋە بىر ئېشىكى بار بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەمگەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ھەقىقىي ئۆز قولىغا ئالغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ يىلدىن - يىلغا ئۆسۈپ، ئازادلىقتىن بۇرۇنقى كىيىمى پۈتۈن بولماسلىق، ئۆي - ماكانسىز قېلىشتىن قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن، خاتىرجەم ياشايدىغان بولغان.

  بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن قۇرباننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىقى تولۇپ تېشىپ، كۆپ قېتىم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى يوقلاش ئارزۇسىدا بولغان.

  ■ ماۋ جۇشىنىڭ ئىككى قېتىم سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش

  1955- يىلى كۈزدە، قۇربان ئائىلىسى مول ھوسۇل ئالغان، ھەر كۈنى ئېتىزلىقتىن ئىشلەپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇ يېڭى تارتقان ئۇن بىلەن نان يېقىپ، ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرۈش ئۈچۈن يول ئوزۇقى تەييارلىغان. ئۇ كۆڭلىدە بۇ نانلارنى يەپ بولغۇچە بەلكىم بېيجىڭغا يېتىپ بېرىشىم مۇمكىن دەپ ئويلىغان. ئۇ ئەڭ ياخشى گۈلە، قوغۇن قېقى ۋە قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى قايتا - قايتا تاللاپ ماۋ جۇشىغا سوۋغا قىلىشقا تەييارلىغان.

  ئاخىر، 75 ياشلىق قۇربان 1958 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭنەنخەيدە ماۋ جۇشىنى كۆرگەن. ماۋ جۇشى ئۇنىڭغا ئىللىق قولىنى سۇنغان. قۇربان ماۋ جۇشىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمىگەن.

  1959- يىلى، قۇربان شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى قېتىم ماۋ جۇشىنى كۆرگەن.

  «خەلق گېزىتى»دە 1958- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېلان قىلىنغان «قۇربان تۇلۇم ماۋ جۇشىنى كۆردى» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر 1960 - يىلى نەشردىن چىققان باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، قۇربان ھەممە ئادەم بىلىدىغان شەخسكە ئايلانغان.

  1975- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى، قۇربان كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ يىلى 92 ياشتا ئىدى.

  1995- يىلى، كېرىيە ناھىيەسى ناھىيە بازىرىدا ماۋ جۇشىنىڭ قۇربان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تۇرغان چوڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قىلدى.

  ■ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش

  «كىچىك چېغىمدا، دادامغا ئەگىشىپ يەر تېرىيتتىم، شۇ چاغدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، خەلق قەددىنى رۇسلاپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ماددىي تۇرمۇشىمىز يەنىلا بىر قەدەر جاپالىق بولغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۇقرالارنىڭ كۈنى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتى تىيانشاندىكى قار لەيلىسىگە ئوخشاش بولۇپ، كۆرگىلى بولىدۇ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېدى كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدىكى قۇرباننىڭ قىزى توختىخان قۇربان ھاياجانلانغان ھالدا.

  قۇرباننىڭ ئەۋلادلىرىلا ئەمەس، قۇرباننىڭ يۇرتى − توغراغاز يېزىسىدا قوشنا - قولۇملار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇرباننىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  قۇرباننىڭ قىز ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدىمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرماقتا، ئۇ مۇنداق دېدى: «قۇرباننىڭ ئەۋلادى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش قېنىمدا ئېقىۋاتقان گېن، مەن بۇلارغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ