مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى پۈتىمىز

2019.10.08 14:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق قىرغىقىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى پۈتىمىز.

  ■ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

  «ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ياشىسۇن! ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن! ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى ياشىسۇن!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۈچ «ياشىسۇن» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، خوشۇت ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىسى بۇمبۇت كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى پېلىجە ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ نۇر ۋە ھارارىتىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمەن».

  ئايتۇرسۇن ھاپىز ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىيازنىڭ خوتۇنى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئايتۇرسۇن قىزى بىلەن ئۆيىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى ئەستايىدىل كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە بىزنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى ياخشى مۇستەھكەملىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك» دېگىنىنى ئاڭلىغاندا، ئايتۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن تىرىشىپ ياخشى پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇپ، ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە ئېرىمنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ قوللاپ، ئۇنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىنى قوللايمەن».

  ■ داۋاملىق كۈرەش قىلىش يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىش

  «<جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.> باش شۇجىنىڭ سۆزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا مەدەت بەردى، غەيرەت بېغىشلىدى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ۋە پەخىرلەندىم.» قابا ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى، جايلىما يېزىسى ئاقتۆبە كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى قارقىت خەمىت مۇنداق بىلدۈردى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەنت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ياچېيكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، كەپشەرلەش، كەشتىچىلىك قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە، ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن».

  خۇ خەيچاۋ غەربىي رايون پىلانى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىدائىيسى بولۇپ، ھازىر قومۇل شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. «باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن ھەسسىلەپ ئىلھام ئالدىم، تولىمۇ ھاياجانلاندىم.» خۇ خەيچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: «پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن».

  (مۇخبىرلىرىمىز رايىدە، جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى خەيشەن، چېن ۋېي يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ