مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەم بولدى

2019.10.08 14:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى

  مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەم بولدى

  مۇخبىرىمىز رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: كۈز يامغۇرى، سوغۇق شامال مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بايراملىق ساياھەت بازىرى قىزىپ كەتتى.

  يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش، ئانا ۋەتەنگە بەخت تىلەش دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بەس - بەستە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىدە ئادەم دولقۇنى مەۋج ئۇردى، بېلەت سېتىش زالىدىكى LED ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكرانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىۋاسىتە كۆرسىتىلىۋاتاتتى، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. بوغدا كۆلى قىرغىقىدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر ئىختىيارسىز ھالدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە ئورتاق بەخت تىلىدى. شۇ كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭدىن ئاشتى.

  جەۋلان قىلىپ تۇرغان 200دىن ئارتۇق بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدىكى گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئون كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان LED ئېكرانى ئورنىتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرسىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرۈشىگە قولايلىق ياراتتى. مەنزىرە رايونىدىكى پىرىستانغا غايەت زور تۇغۇلغان كۈن تورتى تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ، بۇ مەنزىرە رايونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس ياسىغان تورت ئىدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئورتاق ئېيتىپ، تۇغۇلغان كۈن تورتىدىن بىرلىكتە بەھرىلەندى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

  10- ئاينىڭ 2- كۈنى، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بەزى ساياھەتچىلەر كاتېرغا ئولتۇرۇپ كۆل يۈزىدە ئۇچقاندەك ماڭدى، بەزىلىرى كۆل بويىدىكى ئىستىراھەت رايونىدا ئارام ئالدى، بەزىلىرى ساھىلدا ساھىل ۋالىبولى ئويناش، ئاپتاپقا قاقلىنىش، قۇم ھەيكەل ياساش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئىنتايىن ئەركىن - ئازادە بولدى، مەمنۇن بولدى. شىنجاڭ باغراش كۆلى ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چىكەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەنزىرە رايونى يەنە قىزىل ناخشا ئېيتىش، ھەربىي پاراتنى قايتا كۆرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنى قويۇش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ساياھەت ئوزۇقى سوۋغا قىلىدۇ.

  ئاقسۇ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 3000دىن ئارتۇق ساياھەتچى يۈزىگە دۆلەت بايرىقى چاپلىقىنى چاپلاپ، دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، نۇرغۇن كىشى دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەمدە بەخت تىلەش تېمىغا ۋەتەنگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى قالدۇردى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ مەنزىرە رايونى يەنە خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، ساياھەتچىلەر يەنە دولانلىقلار ناخشا - ئۇسسۇلىنى ھەقسىز كۆرەلەيدۇ، دولان مىللىي ئۆرپ - ئادەت توي مۇراسىمى قاتارلىقلارنى ھېس قىلالايدۇ.

  تۇرپان شەھىرى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. كارىز، يالقۇنتاغ، يارغول قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا قانات يايدۇرۇلغان «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» سۆز قالدۇرۇش تېمى پائالىيىتىگە شۇ كۈنىلا 5000دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

  شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. «10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دىن ئاشقاندا، 500دىن ئارتۇق ساياھەتچى مەنزىرە رايونىغا كەلدى.» 10- ئاينىڭ 3- كۈنى، خوتەن شەھىرى قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى جوۋ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنىلا بۇ مەنزىرە رايونى 8000 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ