مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ دۆلەتنى سۆيۈش، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوبۇل قىلىش

2019.10.08 14:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ دۆلەتنى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى، جاسارەت بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  ھەقىقىي ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش

  مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىش

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ھەقىقىي ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئۆزلۈكىدىن بىلىم ئاشۇرۇش، مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما»نى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرىدىكى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىغا ئالاقىدار مۇھىم بايانلارنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، تارىخىي تەپەككۇردىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشىنىش ۋە چىڭ ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئەستايىدىل تەشكىللىدى، يېتەكلىدى.

  «بىز چوقۇم پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى دەل ۋاقتىدا كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزدى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ھەرقايسى ياچېيكىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزدى ھەم مۇشۇ ئاساستا، يېڭى جۇڭگو تارىخىنىڭ كادىرلار قىسقىچە ئوقۇشلۇقىنى تۈزۈپ، مەكتەپ(شۆيۈەن) رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىگە بېسىپ تارقىتىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تارىخىي تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر» قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىپ، ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرىغا تارقىتىپ بەردى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى - كادىرغا «يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا يۈزتۇرا نەزەر»نى تارقىتىپ بەردى، ئۆگىنىش سەمىمىي ئەسكەرتمىسى ۋە ئۆگىنىش تىزىملىكى تۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم ئۆگىنىش مۇندەرىجىسى قىلىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇردى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار كوللېكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمبەھرىلىنىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى ھەم تۈرلۈك بايلىقلاردىن پائال پايدىلىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى.

  پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق شىنجاڭ داشۆ سىياسەت ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ جۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يەنىمۇ تولۇق تونۇدى. «بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىم ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ تاشلاندى» دېدى خۇ جۈ.

  گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

  غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بىر تەرەپتىن پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەشكىللىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆگىنىش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيەمىزنىڭ ئىلغار سىياسىي خۇسۇسىيىتى، ئالىيجاناب سىياسىي غايىسى، يۈكسەك سىياسىي ئىنتىلىشى، پاك سىياسىي پەزىلىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، قىزىل گېنغا يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتتى.

  پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى نۇقتىلىق ھالدا كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دىققەت نۇقتىسى مەسىلىلىرى، چۈشىنىش، ئىگىلەشتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلار كەچلىك كۇرسى، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق سورۇنلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىپ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈش بىلەن بىللە، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ئاممىنى ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا پائال تەشكىللەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 32 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا ئىنقىلابىي ئىدىيەۋى تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدۇردى؛ «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، چېگرا مۇداپىئەسىنى زىيارەت قىلىش، قەسەم سۆزىنى ئەسلەش» قاتارلىق مەخسۇس تېما تەربىيەسى بىلەن يۇغۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

  نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەر پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، 359- لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ئاڭلاش، قىزىل بازىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قىزىل تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تىرىشىپ غايە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى، سىياسىيغا سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان يول ئاچقۇچىلار، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان تېرىقچىلار، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان كۈرەشچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

  بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش

  بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش

  پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئالدى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىز قەيەردىن كەلدۇق، قەيەرگە بارىمىز دېگەننى ئېنىق بىلدى، بىز قانداق يولنى بېسىپ ئۆتتۇق، ئەمدى قانداق يولدا ماڭىمىز دېگەننى چوڭقۇر تونۇدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە داشۆسى پارتكومى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، «ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس»تىن «دەرس ئىدىيەۋى - سىياسىي بولۇش»قا ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتتى.

  قومۇل شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ دۆلەتنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك چېنىقىش ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ