مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېگىزلىكتىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

2019.10.08 14:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بەلدىر ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نادىربەگ ئاۋازبەگ توغرىسىدا

  مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

  «قىيىنچىلىق بولسا نادىربەگنى ئىزدەڭلار.» بۈگۈنكى كۈندە، بۇ سۆز تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بەلدىر يېزىسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز بولۇپ قالدى.

  ■ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش: ئېگىزلىكتە خەلق ساقچىسى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش

  ئىلگىرى ئۇدا 14 ئاي چېدىردا يېتىپ - قوپۇپ، چېدىردا ئىش بېجىرىشنى داۋاملاشتۇرغاچقا، نادىربەگنى شۇ يەردىكى ئامما يېقىملىق ھالدا «چېدىر ئاكا» دەپ چاقىرىشىدۇ، «ساقچىخانا مېنىڭ ئۆيۈم، ھەربىر خەلق ساقچىسى مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم، ياخشى سەپدىشىم، بىرلىكتە بەلدىرنى ياخشى ساقلاش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دېدى نادىربەگ.

  بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن نادىربەگ كىچىكىدىن باشلاپلا پامىر ئېگىزلىكىدە چوڭ بولغان، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلغان. 2006- يىلى، ئۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بەلدىر ساقچىخانىسىغا يۆتكىلىپ، كېيىن ساقچىخانىنىڭ رېبۇت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان.

  2011- يىلى 6- ئايدا رېبۇت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىش بېجىرىش ئورنى بولمىغاچقا، نادىربەگ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بەزىدە ئاممىنى ئاۋارە قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆي ئىگىلىرى ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تىۋىش چىقارماي ئۆيگە كىرىپ ئارام ئالاتتى. رەھبەرلىكنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى قول سېلىپ پاختا رەختتىن ئاددىي بىر چېدىر تىكىپ، ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى قىلدى.

  رېبۇت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ تەۋەلىك رايونىدا شىۋىرغان كۆپ چىقاتتى، كىلىماتى ئىنتايىن ناچار، تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. نادىربەگ كۈندۈزى خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرسا، كېچىسى يەنە چارلاش ئېلىپ باراتتى، ئۇسسىسا قارلىق دالىدا بىر سىقىم قارنى ئاغزىغا سېلىۋالاتتى، ھېرىپ كەتسە مۇزدەك تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋالاتتى.

  ■ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ: ئاممىنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىش

  ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەش سەۋرچانلىق ۋە مېھرىبانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. نادىربەگ: ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان كىشى دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن سىرداش بولسا، خىزمەتنى راۋان ئىشلىيەلەيدۇ، دەپ قارىدى، يىلنى يىلغا، كۈننى كۈنگە ئۇلاپ ئەمەلىي خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئۇ ئۆز قەلبىنى دېھقان - چارۋىچى ئاممىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلىدى.

  2012 - يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچقۇرۇن، چارۋىچى سالىجان ساۋۇتنىڭ 20 تۇياق قويى يىتىپ كەتتى، جىددىي ئەھۋالدا، سالىجان نادىربەگنى ئىزدەپ تېپىپ دېلو مەلۇم قىلدى.

  ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، نادىربەگ شىۋىرغانغا قارىماي شۇ ھامان قويلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئىزدەشكە ماڭدى، ئۈچ سائەتتىن كېيىن، چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن نادىربەگ سالىجاننىڭ قوي پادىسىنى ھەيدەپ قايتىپ كەلدى. بىراق سالىجاننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەن چاغدا، جىسمانىي قۇۋۋىتى خوراپ كەتكەنلىكتىن، ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى.

  سالىجان ۋە قوشنىلىرى نادىربەگنى نۆۋەتلىشىپ يۈدۈپ يېزىلىق شىپاخانىغا ئېلىپ باردى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ 40.3 گىرادۇسقا چىققانىدى. كېلىشمەسلىك يۈزبېرىشتىن ئەنسىرەپ، يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى ئاپتوموبىل تېپىپ، كېچىلەپ 30 كىلومېتىر تاغ يولىنى بېسىپ، نادىربەگنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. دوختۇر تەسىرلەنگەن ھالدا: «ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا ئەكەپسىلەر، بولمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى» دېدى.

  «مۇشۇنداق ياخشى ساقچىغا ئۇچراشقىنىمىز بىزنىڭ تەلىيىمىز، مەن ئۇنىڭغا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن» دېدى سالىجان.

  نادىربەگنىڭ كەنت، ئائىلىلەرنى ئارىلاپ يۈرگەن سىيماسى كەنت ئاھالىلىرىنى تەسىرلەندۈردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بۇ ساقچى ئىشخانىسىنى «رېبۇت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى» دەپ ئاتىماستىن، بەلكى يېقىملىق قىلىپ «نادىربەگ ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

  ■ ئېتىقاد: يۇرتىمىزنىڭ ئامانلىقىنى ياخشى ساقلىساق، ئائىلىمىزنى ياخشى ساقلىيالايمىز

  «يۇرتىمىزنىڭ ئامانلىقىنى ياخشى ساقلىساق، ئائىلىمىزنى ياخشى ساقلىيالايمىز» دېدى نادىربەگ.

  تەۋەلىكتىكى ئامما نادىربەگنى ئىزدەپ كەلسىلا، ئىش مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ئۇ ھەمىشە پۈتۈن زېھنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەۋەلىكتىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۆيىدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە نادىربەگنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ كېلىشتۈرۈپ قويۇشىنى ياقتۇرىدىغان بولدى.

  تەۋەلىك رايونىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى نادىربەگ بەش قولدەك ئېنىق بىلىدۇ، كىمنىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە كۈتۈشكە تېگىشلىك ئىگە - چاقىسىز، ياشانغانلار بارلىقى، كىمنىڭ ئۆيىدە دەرھال ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك قىيىنچىلىق بارلىقى، ھەتتا كىمنىڭ ئۆيىنىڭ توك يولىنىڭ كونىراپ يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئېنىق سان بار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەۋەلىكتە كۆچمە نوپۇسلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، نادىربەگ تۈرلۈك تەشۋىقات خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق قارىشىنى ئۆستۈرۈپ، ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە، نادىربەگ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېگىزلىكنى چىڭ ساقلاپ، مۇھەببەتكە تولغان قەلبى بىلەن تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى ئىللىتماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ