جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى قەلبداش بولۇپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى

مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ «مېھىرلىك مەدھىيە» كېچىلىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا سۇندى

2019.09.30 11:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجاد قىلغان ئىجادىي چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل-شېئىر-رەسىم كېچىلىكى «مېھىرلىك مەدھىيە» 9- ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. «مېھىرلىك مەدھىيە» كېچىلىكىدە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنىپ، مۇزىكا-ئۇسسۇل-شېئىر- رەسىم قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشتەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك چوڭقۇر ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيەگە تەلپۈنۈش ھېسسىياتى ۋە ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى نامايان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ