مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئامىللىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە نامايان قىلىندى

2019.09.30 09:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، شى شىن، پەرىزات خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان «ئۇلۇغ مۇساپە شانلىق مۇۋەپپەقىيەت − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ ئامىللىرى شىنجاڭدىن ئىبارەت يىپەك يولىدىكى بۇ مەرۋايىتنىڭ شانلىق نۇرىنى تېخىمۇ نامايان قىلماقتا.

  1949- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە يىلنامە تۈزۈش ئۇسلۇبى شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، تاماشىبىنلار ۋاقىت تونېلىنى بويلاپ، تارىخ يىل ھالقىسىغا ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى جۇڭگو بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىنى ھەر تەرەپلىمە ئەسلەش ۋە ھېس قىلىشقا يېتەكلەندى. ھەربىر تارىخىي سۈرەت، ھەربىر ھۆججەت - ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر بۆلەكلىك تەپسىلىي، ئېنىق چۈشەندۈرۈشلەر تاماشىبىنلارنى ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن جانلىق، بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

  قاراماي نېفىتلىكى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، مەشرەپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدىكى تۇرالغۇ - «گەمە»لىرى... 9- ئاينىڭ 28 - كۈنى، مۇخبىرلار نەق مەيداندا مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ئامىللىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتتى.

  1955- يىلى 10- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللىي رايون ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى ئاچتى.

  1962- يىلى 12- ئايدا، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى (لەنجوۋ − ئۈرۈمچى) پۈتۈپ، شىنجاڭغا تۆمۈريول قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى؛ 2016 - يىلى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، شىخو شەھىرىنىڭ يەنسىخەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى «كۆچمە پارتىيە مەكتىپى»نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مال بېقىش ئورۇن - نۇقتىلىرىدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش قاتارلىق ياچېيكا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، «ماناس»، خۇائېر قاتارلىقلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى (ئىسىملىكى) تۈرىگە كىرگۈزۈلدى... ھەربىر نۇرلۇق پەيت، ھەر بىر تارىخىي دەقىقە مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە نامايان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش، ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ئىزلىرىنى خاتىرىلىدى.

  كۆرگەزمىدە 150 «يېڭى جۇڭگودىكى بىرىنچى» توپلىنىپ ئالاھىدە كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ، 1955 - يىلى 10 - ئايدا، شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىدىكى قاراماي تېغى رايونىدا تۇنجى تەكشۈرۈش قۇدۇقىدىن نېفىت ئېتىلىپ چىقىپ، شۇ ئارقىلىق قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بايقالغانلىقىنى؛ 2004 - يىلى 12 - ئايدا، دۆلىتىمىزدىكى ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن، ئېغىز دىيامېتىرى ئەڭ چوڭ گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى − غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  كۆرگەزمىدە يەنە ھەر ئون يىل بىر تۈگۈن قىلىنىپ، قەھرىمان، نەمۇنىچى شەخسلەر تېمىدىن يەتتىسى ياسالغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن پېڭ جيامۇ، قۇربان نىياز، ۋاڭ گاڭ، ۋېي دېيوۋ، جاڭ بياۋ بار. «دۆلەت ئالبومى»غا ئويۇلغان بۇ چىرايلار كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سىيماسى، شۇنداقلا شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلار يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن بەس - بەستە ئىپتىخارلاندى، شۇنداقلا كۆرگەزمە ئارقىلىق شىنجاڭنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلەرنى بەس - بەستە ماختىدى. 62 ياشلىق بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ يۆخۇي مۇنداق دېدى: «جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن 70 يىلدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى سەھىپىلەر پۈتۈلۈپتۇ، كۆرگەزمە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كونا سۈرەتلىرىنى كۆردۈم، يەنە شىنجاڭدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم، ۋەتەننىڭ بارغانسېرى بېيىپ قۇدرەت تېپىشىغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ