مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى بۈگۈن كەچتە كۆرسىتىلىدۇ

2019.09.30 09:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 22دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىلىدۇ، 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى، قازاقچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

  كېچىلىك «ۋەتەننى مەدھىيەلەش . ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش . يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش . ۋەتەننى ئالقىشلاش»نى باش تېما قىلغان، مۇقەددىمە «مېنىڭ ۋەتىنىم»، 1- بۆلەك «ۋەتەن بىلەن قەلبداش بولۇش»، 2- بۆلەك «ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش»، 3- بۆلەك «ۋەتەنگە بەخت تىلەش»، خاتىمە «يەنە بىر قېتىم ئاتلىنىش»تىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان كېچىلىكتە، ناخشا - ئۇسسۇل، «سىنلىق قىسقا فىلىم»، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان تارىخىي مۇساپىسى تولۇق نامايان قىلىنغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ، ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى گەۋدىلىك نامايان قىلىنغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنگە بەخت تىلەشتەك گۈزەل يۈرەك ساداسى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ