كورلا ۋوگزالىنىڭ يېڭى ۋوگزال بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.09.29 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان كورلا ۋوگزالىنىڭ يېڭى ۋوگزال بىناسى.

  شۇ كۈنى، يەتتە ئايدىن كۆپرەك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ كورلا ۋوگزالىنىڭ يېڭى ۋوگزال بىناسى رەسمىي پۈتتى. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى ۋوگزال بىناسى كورلا ۋوگزالىنىڭ ئەسلىي ئورنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن، بىرلا ۋاقىتتا 3000 يولۇچى پويىز ساقلىيالايدىكەن. كورلا شەھىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شۇنداقلا پات ئارىدا تۇتاشتۇرۇلىدىغان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ باشلىنىش بېكىتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ