مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ

2019.09.26 15:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  دۆلەت بايرىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونى دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش بىر قاتار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن تەشۋىق قىلىپ، كۈزلۈك ساياھەت قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  شىنجاڭ باغراش كۆلى ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چىكەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى «سەلتەنەتلىك 70 يىل ساياھەت ئارقىلىق دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويىدىكەن. داخېكوۋ مەنزىرە رايونى غايەت زور تۇغۇلغان كۈن تورتى (2 مېتىر *3.5 مېتىرلىق) ياساپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تاماشا قىلىشى ۋە تېتىپ بېقىشىغا سۇنىدىكەن. داخېكوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ ساھىل كۆڭۈل ئېچىش رايونى ساياھەتچىلەرنى «ۋەتەننى كۈيلەش» ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتىپ، بىرلىكتە ۋەتەنگە بەخت تىلەشكە تەشكىللەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داخېكوۋ مەنزىرە رايونى يەنە پىرىستان رايونى، قۇملۇق ساھىل رايونى قاتارلىق رايونلاردا، چوڭ تىپتىكى LED ئېكران ئارقىلىق، ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرگە دۆلەت بايرىمىلىق پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارغا سۇدا ۋە ساھىلدا تۇرۇپ پاراتتىن ئۆتۈشنى كۆرۈشنىڭ ئۆزگىچە كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، داخېكوۋ مەنزىرە رايونى يەنە باغراش كۆلى ياۋا بېلىق زىياپىتى، ئومۇمىي خەلق قىسقۇچپاقا زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇنىدىكەن. داخېكوۋ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى 30غا يېقىن كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، تېز سۈرئەتلىك كاتېر، سۇ ئۈستى پاراشوتى، سۇ ئۈستى ئۇچقۇر بېلىق، چوڭ ئاق لەھەڭ كېمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ھەمدە كۆپ تۈرلۈك ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدىكەن. ساياھەتچىلەر داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا ياۋا بېلىق تۇتۇپ، قىسقۇچپاقا يەپ، قۇشلارنى تاماشا قىلىپ، قومۇشلۇقلارنى كېزىدىكەن، يەنە باغراش كۆلىدىكى تۈمەن مولۇق ياۋا ياتما نېلۇپەردىن ھاسىل بولغان ھەيۋەتلىك سۇ ئۈستى گۈل دېڭىزى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ