مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى داۋاملىق ئۆستى

2019.09.25 15:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن ئۆسكەن بولۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا تېرىلغان ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداينىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن 0.1 ~ 0.05 يۈەنگىچە ئۆسكەن.

  9- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2 مىليون 460 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىندى، كۈزگى بۇغداي سېتىۋېلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، يازغى بۇغداي سېتىۋېلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي سېتىۋېلىش-ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان 2 -يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار باھاسى بېكىتىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش، كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي گەۋدە بويىچە سېتىۋېلىش، ئەلا سۈپەتلىك، ئەلا باھالىق، ئەلا سۈپەت ئەلا ئېتىبارلىق، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سېتىۋېلىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسىنى ھەر قايسى سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتتى. بۇغداي سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، تۈرلۈك سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بازارغا پائال كىرىپ، بازار باھاسىنى مۇقىم قىلىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارى بۇغداي ئومۇمىي سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ % 80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارى %10تىن ئېشىپ كەتتى، 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كۈزگى بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 2.30 يۈەندىن 5.00 يۈەنگىچە، 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يازغى بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 2.15 يۈەندىن 2.47 يۈەنگىچە بولدى، بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق يىغىدىغان ئادەم بار، يىغىۋالىدىغان پۇل بار، يىغىۋالىدىغان ئامبار بار، ئاشلىقنى باشقۇرىدىغان ئادەم بار بولۇشتەك باشقۇرۇش تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئالدىن ئامبارنى بوشىتىپ ياكى بىرلەشتۈرۈپ، خادىملارنى تەربىيەلەش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سېتىۋېلىش قەرزىنى ئالدىن تەييارلاپ، سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قامدىغاچقا، ئاپتونوم رايون بويىچە «ئاشلىق سېتىش تەس» ياكى «ئاق ھۆججەت بېرىش» مەسىلىسى كۆرۈلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرىنىڭ بازارنى يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، بۇغداي ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئاشلىق ۋاسىتىچىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنىڭ بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، ياخشى بولغان بازار رىقابىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇغداي سېتىشتا ئەلا سۈپەتلىك، ياخشى باھانى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال، تەرتىپلىك بازار مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ