مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ شوخلا مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى

2019.09.25 15:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جىيالى): مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ شوخلا مەھسۇلاتلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون ئاھالىسىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولغان.

  شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم شوخلا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش بازىسى. كىلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، شوخلىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق .

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، شىنجاڭ چېگرا ئېغىزىدىن 73 مىڭ توننا شوخلا قىيامى ئېكسپورت قىلىنغان؛ ئېكىسپورت قىلىنغان شوخلا قىيامى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تەسىرىدە، ئېكىسپورت قىلىنغان شوخلا قىيامىنىڭ قىممىتى 350 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 11.8 ئاشقان.

  «ئېكسپورت قىلىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ شوخلا قىيامىنى 20 نەچچە تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغاندىن كېيىن ئاندىن چەت ئەلگە چىقارغىلى بولىدۇ » دېدى ئۈرۈمچى-سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 2- بۆلۈمىنىڭ 2- دەرىجىلىك باش باشقۇرغۇچىسى ئەلىيە قالىبېك.

  ھازىر، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈم شوخلا قىيامى ئىتالىيەگە توشۇلۇش يولىدا. شىنجاڭنىڭ شوخلا، شوخلا تالقىنى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ئامېرىكا، ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا سېتىلىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى قازاقىستان بىلەن قوشنا، ھازىر شىنجاڭدىكى شوخلا قىيامى ئېكسپورت سودا مىقدارى ئەڭ كۆپ پورت بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان شوخلا قىيامىنىڭ % 70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىغا بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كارخانىلارنىڭ شوخلا قىيامى ئېكىسپورت قىلىشتىكى يېڭى تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق شوخلا قىيامىنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىش ئومۇمىي مۇساپىسى 15 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، ئەنئەنىۋى دېڭىز تىرانسپورتى ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا 45 كۈن قىسقارغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شوخلا قىيامىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىدا، كارخانا يەنە تاموژنا مۇلازىمەت كۆزنىكىدە ئېكسپورت سۈپەت تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى بىر جايدا بېجىرىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ