9- ئاينىڭ 19- كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي، گۈزەل تىيانشان ـــ شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەشتە ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» ئۈرۈمچىدە باشلاندى. كۆرگەزمىدە شىنجاڭنىڭ 100دىن ئارتۇق كەشتە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان كۆرگەزمە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي مەددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەشتە ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش نەتىجىلىرى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ماتېرىياللارنى ياخشىلاپ، رەخت ۋە كىگىزكە كەشتە تىكىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، كەشتە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرىنى موللاشتۇرۇپ، كەشتە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەشتىچىلىككە ۋارسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكتە شەخس، شەيئىي، تۇرمۇشنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋاڭ جيې مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، بىز بۇ كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كەشتىچىلىكتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، پۇقرالارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلىدىغان ياخشى ئايلىنىش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇخبىر شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ 3- قەۋىتىدە، رەڭگارەڭ كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا تىزىلغانلىقىنى كۆردى. بۇ كەشتىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېزىدىكى كەشتىچى ئاياللار پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار رەڭلىك يىپەك يىپ بىلەن مول ھوسۇل ئالغان ئېتىزلار، گۈزەل كەچكى شەپەق، قوي، كالا، تۆگە، گۈل، قۇش قاتارلىق تۇرمۇشتىكى گۈزەل شەيئىلەرنى جانلىق ئىپادىلىگەن.
«بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ زور ئىلھام ئالدىم، يېڭى كەشتە ماھارىتىنى داۋاملىق ئۆگىنىپ، كەشتە ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى نامايان قىلىمەن» دېدى تۇرپان شەھىرىدىن كەلگەن كەشتىچى زۇلپىيە داۋۇت.
كۆرگەزمە ئەسەرلەر ئىچىدە يېپەك ياغلىق، ياستۇق، سومكا، خاتىرە دەپتەر قاتارلىق كەشتە ئېلېمېنتلىرى مۇجەسسەملەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مىللەتنىڭ خاس كەشتىچىلىك ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى (شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى)، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.