مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلودىن ئالتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2019.09.25 15:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 23- تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلودىن جەمئىي ئالتىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈلۈشىچە، ئالاقىدار دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى» «ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1- دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى س Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2019-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، تورداشلار س X (ئايال، ئۇيغۇر، 24 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئىلى ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق توردا ئىناۋەتلىك كارتا، قەرز پۇل بېجىرىشكە تاپشۇرىدىغان رەسمىيەت ھەققىنى باھانە قىلىپ، ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 70تىن ئارتۇق ئاممىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سومما 120 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى س Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  2- دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ي Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2019-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار ي X (ئەر، قازاق، 29 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: سانجى ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق بازار باھاسىدىن تۆۋەن ئالما يان تېلېفونىنى سېتىشنى باھانە قىلىپ جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياڭ شەھىرىدىكى تورداشنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سومما 3800 يۈەن بولغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ي Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  3- دېلو مىسالى: ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئېر Xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

  2019- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، تورداشلار ئېر X (ئەر، قازاق، 37 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى)نىڭ تېڭشۈن مىكروبۇلۇتىدا ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان سۈرەت، يازما ئۇچۇرلىرىنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئېر Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  4- دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ۋۇ Xنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2019-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، تورداشلار ۋۇ X (ئايال، خەنزۇ، 47 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: سانجى ئوبلاستى سانجى شەھىرى)نىڭ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋۇ Xكە تەنقىد-تەربىيە بەردى ۋە جەرىمانە قويدى.

  5- دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م Xنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى دېلوسى

  2019-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، تورداشلار م X (ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى غۇجائېرىق يېزىسى)نىڭ QQ توپى ئارقىلىق نۇرغۇن شەھۋانىي سىن ۋە پاھىشىۋاز چاقىرىش ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى ۋە جەرىمانە قويدى.

  6-دېلو مىسالى: قومۇل شەھىرىدىكى تور ئەھلى چى Xنىڭ توردا شەھۋانىي بۇيۇملارنى سېتىپ، تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى

  2019-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، تورداشلار چى X (ئەر، خەنزۇ، 32 ياش، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىن)نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق شەھۋانىي ئېلان تارقاتقانلىقىنى شۇنداقلا شەھۋانىي رەسىم ۋە سىن سېتىپ قانۇنسىز پايدا ئالغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە چى Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال - ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساشنى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر ھەمدە ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئومۇمەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، شەخسلەر ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ماسلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى: تور ئادرېسى: www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى: 2384777- 0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

  مىكروبىلوگ: 新疆网络举报@ شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

  ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: 新疆网络举报شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110 قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ