مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالتۇن كۈزدە مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش  بىرلىكتە ۋەتەنگە بەخت تىلەش

2019.09.25 15:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىلدە «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى تەبرىكلىدى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشتى، مول ھوسۇل پەيتى يېتىپ كەلدى. 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار مول ھوسۇلنى كۈتۈۋېلىپ، مول ھوسۇلنى نامايان قىلىپ، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىللە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى تەبرىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، دېھقانلار تۇرمۇشىدىكى يېڭى قىياپەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، روناق تېپىشىغا بىرلىكتە بەخت تىلىدى.

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى سەھەردىلا، بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى جىۋىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، بۇ يەردە كۆممىقوناق ئۇۋاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، ماھىرلار رەتلىك زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، يەڭلىرىنى تۈرۈپ، باش چۆكۈرۈپ كۆممىقوناق ئۇۋاۋاتاتتى.

  «بۇنداق تەبرىكلەش ئۇسۇلى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك. دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى سىياسەتلىرى بولغاچقا، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇللۇق يىل بولدى.» بۇ يىل ئەتىيازدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جىۋىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى جىن ئون مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىدى، مو بېشى مەھسۇلاتى 1100 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەنتاڭخۇ بازىرىدا، 500 نەچچە مو يەردىكى لازىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قىزىرىپ بولغانىدى. ئۆزگىچە مول ھوسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بازاردىكى كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك قىلىشنى تاللىدى. «بۇ يىل لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئادەم كۈچى يېتىشمەيدۇ، لازا ئۈزۈشنىڭ ئالتۇن پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، بىز سەھەردىلا ئېتىزغا كېلىپ ئۇلارنىڭ لازا ئۈزۈشىگە ياردەملەشتۇق، كەينىدىن يەنە لازىلارنى ئادالىدۇق، ئاپتاپقا يايدۇق» دېدى سەنتاڭخۇ بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى جاڭ خەيخۇي.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر دېھقانچىلىق ئىشلىرى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش، ناخشا - ئۇسسۇل ماھارىتىنى نامايان قىلىش، دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى ئورتاق تەبرىكلىدى.

  باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسى شىزى موخۇر كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى زورەم رەھمەت باغراش ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرىدىن بولۇپ ئوندىن ئارتۇق كىشىنى ھويلىسىدىكى ئۈزۈم، شاپتۇل، كاۋىلارنى بىرلىكتە ئۈزۈپ، كۈزنىڭ مېۋىسىگە ئورتاق ئېغىز تېگىپ، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلدى.

  ھەرقايسى جايلار قانات يايدۇرغان تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن باشقا، بىر مەيدان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى شۇ كۈنى «توردا ئالقىشلاندى».

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 11دىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان بىر مەيدان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ھالقىغان، 12 جاي بىرلىكتە ھەرىكەتلەنگەن چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش −−− «رەڭدارلىققا تولغان شىنجاڭنىڭ مول ھوسۇل پەسلى بىرلىكتە ۋەتەنگە بەخت تىلەش» پائالىيىتى كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ سائەتلىك ئەمەلىي بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا توردا كۆرگەن تاماشىبىن 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

  بەختلىك تۇرمۇشنى كۈيلەش، باياشات كۈنلەردە ئۇسسۇلغا چۈشۈش. 9- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «مول ھوسۇللۇق جۇڭگو . شىنجاڭ گۈزەل» 2019- يىللىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» چوڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش نومۇرى شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىلدى، باش رول ئالغان دېھقان دوستلار ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تاماشىبىنلارغا ئۆزلىرىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ