مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش

2019.09.25 15:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغان، دۆلەت بايرىمىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نىشان - ۋەزىپە، ئاساسىي پىرىنسىپ، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى: ئۆگىنىش داۋامىدا پەرقلەرنى تېپىش

  ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش

  ئورگاندىن ئاساسىي قاتلامغىچە، شەھەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. قەشقەر ۋىلايىتى ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا تەتقىقات - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش داۋامىدا پەرقلەرنى تاپتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش داۋامىدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، بۇ يىل بىر تۈركۈم نامرات كەنتلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ. ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئالدىدا، قەشقەر ۋىلايىتى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى نامرات كەنتلەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئادىمىيەت ئالاھىدىلىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە قۇرۇلۇش مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە كونكرېت تەدبىرىگە ئاساسەن قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتتى ھەم خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  باش تېما تەربىيەسىدە، يەكەن ناھىيەسى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا چۈشىنىش، ھېس قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى، تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇ يىل، يەكەن ناھىيەسى توپ تۇتاش بەش ئاھالە نۇقتىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەم يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلاردىكى يانداش ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، توپ تۇتاش 33 ئاھالە نۇقتىسىنىڭ سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىنى تورلاشتۇرۇش ھەم گەندە كۆلچىكى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  يەكەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇڭ شىشىن مۇنداق دېدى: «بىز بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ھازىر، كەنت ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىنى توپلىدۇق ھەم بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئالتە تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق».

  خوتەن ۋىلايىتى:

  ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش

  ئىشتا نەتىجە قازىنىش خوتەن ۋىلايىتى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «تۈزىتىش»تىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىدىغان، دەرھال چۈشىنىپ، دەرھال تۈزىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بېكىتتى ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىشتا نەتىجە قازاندى.

  كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىك رايونىغا جايلاشقان، ئورنى نىسبەتەن چەت، يىراق بولغانلىقتىن، كەنتكە ھازىرغىچە توك يەتكۈزۈلمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن ۋىلايەتتە يەنە چەت، يىراقتىكى 80 كەنت مەكتىپى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار قايناق سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

  خوتەن ۋىلايىتى بۇ مەسىلىلەرنى باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىدىغان، دەرھال چۈشىنىپ، دەرھال تۈزىتىدىغان مۇھىم مەزمۇن قىلىپ بېكىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرىگە ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىپ، دەريا بويى كەنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان توك قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت، يىراق كەنتتىكى شۆبە مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇق سەپلەپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەدرىجىي ھالدا قايناق سۇ ئىچىشتەك ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى ۋە ياردەم بەردى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشنى چۆرىدەپ، خىزمەتلەردە ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تاپتى. ھازىر، 16 مەسىلىنى رەتلەپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، دەرھال چۈشىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

  «بىز مەۋقەنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ %95تىن تۆۋەن بولماسلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %90تىن تۆۋەن بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىمىز» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۈجيې.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ