مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىيانشاننىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى چوڭ قەدەمدە مەردانە قىياپەت نامايان بولدى

2019.09.25 15:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

  1949- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنىپ، خەلقنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىدى.

  تىيانشاننىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە قەيسەرانە ئىلگىرىلەپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەرەققىي قىلىپ ئالغا باسىدىغان، گۈللىنىپ روناق تاپىدىغان داغدام يولدا مېڭىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  چوڭ قەدەمدە مەردانە قىياپەت نامايان بولدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى قىلىپ، «ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئېچىۋېتىش نەزەرى بىلەن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قالتىس يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزىپ چىقتى.

  ■ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش

  كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش

  ئۇزاق كېچىنى ئۆتكۈزۈپ تاڭنىڭ يورۇشىنى كۈتۈۋالغانغا ئوخشاش، تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە يېڭى ھايات ئېلىپ كەلدى.

  85 ياشلىق ھەسەنجان ياسىن ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە ھېلىھەم ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ: «ئۆتمۈشتىكى ئۇزاق يىللىق زۇلۇم ۋە ئېكسپلاتاتسىيە كەلمەسكە كەتتى، ھازىرقى يېپيېڭى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان جۇڭگو شىنجاڭ بىزنىڭ ھەقىقىي ئائىلىمىز».

  ئائىلە قۇرۇلدى، ئەمما ئىگىلىك تېخى تىكلەنمىدى. ئەينى چاغدا شىنجاڭ ئەمدىلا قەدەم ئېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەم نامرات، ھەم قالاق دېيىشكە بولاتتى، بىر تال تۆمۈر مىخنىمۇ ئىشلەپچىقىرالمايتتى، بىرەر غېرىچ تۆمۈريولمۇ يوق ئىدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ئىدى.

  ئاساس ناچار، ئۇل ئاجىز، قەرز كۆپ ئىدى. قىيىنچىلىق ۋە ئۈزۈكچىلىك ۋەزىيىتى كىشىلەرنى مەيۈسلەندۈرەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى، جەسۇرانە ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى، چوقۇم ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدىكى شىنجاڭنى يېڭىچە قىياپەتتە قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك!

  ھەممە ئىش مۇشۇ يەردىن باشلاندى، ھەممە مۇشۇ سەۋەبلىك قۇدرەت تاپتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي باسقۇچتا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەرنى كەينى - كەينىدىن يولغا قويدى.

  شەھەرلەر قۇرۇلدى، زاۋۇتلار ئېچىلدى، تاشيوللار ياسالدى، قاتار - قاتار دەرەخلەر تىكىلدى... قەدىمىي تۇپراق قايتىدىن ئويغىتىلىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى.

  1978- يىلى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار شامىلى ھەممە جاينى قاپلىدى.

  خەن جيەنگاڭ يۈك - تاقلىرىنى ئېلىپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كەلدى، بۇ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىسى قىزىپ كەتتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  گۇرۇپپا - گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلاردا شىنجاڭنىڭ ھالقىشى بىۋاسىتە خاتىرىلەنگەن: ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1952 - يىلىدىكى 791 مىليون يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 200.7 ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.3 ئاشقان؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1978- يىلىدىكى 319 يۈەن ۋە 119 يۈەندىن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2018- يىلىدىكى 32 مىڭ 764 يۈەن ۋە 11 مىڭ 975 يۈەنگە ئۆسۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %12.3 ۋە %12.2 ئاشقان.

  دەۋر زور دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى بۇ سەۋەبلىك ئۆزگەردى. ھەسەنجان بۈگۈنكى كۈندە ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار. خەن جيەنگاڭ ئەينى يىللاردا يىغقان دەسمايىسىگە تايىنىپ، يول بويى زەپەر مارشى ياڭرىتىپ باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ تيەنشىن كارخانا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنى قۇردى ھەم بۇ يىل شەرەپ بىلەن 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى» نامىغا ئېرىشتى.

  بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشتى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. ئىلگىرى تەلپۈنگەن گۈزەل تۇرمۇش ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  ■ قۇرۇلمىنى تەڭشەش

  ھەممە كەسىپلەر گۈللىنىش ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، بېكىنمە ھالەتتىكى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق تەبىئىي ئىقتىساد قۇرۇلمىسىغا تەۋە ئىدى.

  1955- يىلى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %50تىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ، تىپىك ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كەسىپ ئەندىزىسى ئىدى.

  83 ياشلىق لى زاۋلىن گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرىنىڭ ياۋزەنزە كەنتىدە بىر ئۆمۈر ياشىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىدا، بۇغداينى بىر ئورغاق - بىر ئورغاقتىن ئورۇيتتۇق، ئوغۇت ۋە ئاشلىقنى يۈدۈپ توشۇيتتۇق، نەچچە مو يەرنى تېرىش ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتەتتۇق.

  20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى، زەنجىر چاقلىق تىراكتور شىنجاڭغا كىرىپ، تەدرىجىي ئۇلاغ كۈچىگە تايىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى؛ 80- يىللاردا يوپۇق يېپىپ تېرىيدىغان بىرىكمە سېيالكىدا چۆنەك تارتىش، ئوغۇتلاش، يوپۇق يېپىش، تۆشۈك ئېچىش، ئۇرۇق سېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىراقلا تاماملىنىدىغان بولدى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن دېھقان «قەددىنى رۇسلاپ» تېرىقچىلىق قىلالايدىغان بولدى؛ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، بىر تۈركۈم ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بەس - بەستە ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا پەيدا بولدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، يەرنى بىرلەشتۈرۈپ تۈزلەش، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، تۇپراقنى رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا «بىرنى پۈركۈپ، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش»، كومبايىندا ئورۇش قاتارلىق ئىلغار ماشىنا ۋە تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، بىر ئادەم 1000 مو ئېتىزنى باشقۇرالايدىغان بولدى، تەبىئەتكە بېقىنىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئۈزۈل - كېسىل تارىخقا ئايلاندى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە مۇھىم قۇرۇق، ھۆل مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى.

  ھازىر، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى، كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ماشىنىلار گۈركىرەۋاتقان، ئاپتوموبىللار توختىماي مېڭىۋاتقان، ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، گۇاڭخۇي گۇرۇھى، جۇڭتەي خىمىيە(گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تيەنيې(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم يەرلىك سانائەت كارخانىلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، يەرلىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى.

  ھېچقانداق سانائەت يوق دېيەرلىك بولۇشتىن، قاتار - قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زامانىۋىلاشقان زاۋۇتلار ياپيېشىل تاغلار، سۈزۈك سۇلار ئارىسىدا گەۋدىلىنىپ تۇرۇشقىچە. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا تۈرلىرى تولۇق بولغان سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، سانائەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىچە خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈردى، زورايتتى. ساياھەت، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى 3- كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 2018- يىلى %62.3كە يەتتى. نوقۇل بىرلا كەسىپكە تايىنىشنى ئاساس قىلىشتىن، ئۈچ كەسىپكە تايىنىپ ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

  قۇرۇلمىنىڭ بىر خىللا بولۇشىدىن ھەممە كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگىچە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىزلىرىنى خاتىرىلىمەكتە.

  ■ ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى

  دۇنياغا قۇچاق ئېچىش

  چېكىسىگە ئاق سانجىغان ئادىل ئابدۇراخمان ئىلگىرى باقتۇ پورتىدا 20 يىل خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ئەڭ دەسلەپتىكى باقتۇ پورتى قاقاس، تىمتاس ئىدى. «ئۇ چاغدا، پورتتا بىرلا دۆلەت دەرۋازىسى قاراۋۇلخانىسى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان دېھقان ئۆيلىرىلا بولۇپ، ئادەملەر ئاز، ئاپتوموبىل ئۇچرىتىش تەس ئىدى».

  يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، باقتۇ پورتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش زور ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى، چېگرا ئاھالىسى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونى قاتارلىق يېپيېڭى زامانىۋى ئىمارەت، ئەسلىھەلەر قەد كۆتۈردى؛ «ئاقىل پورت» قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، يولۇچى، مال، ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى؛ سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل يولى، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى.

  بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، باقتۇ پورتىدا ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان مال 76 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.49 ئاشتى؛ مال قىممىتى 166 مىليون 842 مىڭ 100 دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.01 ئاشتى. يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدە توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولۇچىلار ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى پورتتىن ئۈزلۈكسىز كىرىپ - چىقىپ، تارباغاتايدىن ئىبارەت بۇ ئىلگىرىكى «ئەڭ چەت جاي»نى بۈگۈنكى كۈندە ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇردى.

  بۈگۈنكى شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلىنىپ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەڭ كۆلەمدە «كىرگۈزمەكتە»، چوڭ قەدەم ئېلىپ «چىقارماقتا».

  ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە ئۇلاپ توشۇش مەركىزىدە، كىران جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىكى شىنجاڭغا سېتىلىدىغان ماللار سېلىنغان كونتېينېرلارنى چۈشۈرۈپ، يەنە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى لىق قاچىلانغان كونتېينېرلارنى بېسىۋاتاتتى، نۆۋەتچى پويىز ئالاتاۋ، قورغاس قاتارلىق پورتلاردىن ئۆتۈپ، مالنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە توشۇيدۇ.

  بۇ يىل 7- ئايغىچە، 24 سائەت ئۈزۈلمەي شىنجاڭ تۇپرىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ غەربكە ماڭغان نۆۋەتچى پويىزلار جەمئىي 2500 نەچچە قېتىمغا يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %100 بولدى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى مال يىغىلىش مەركىزىنى يادرو قىلغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىن ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدىغان «نۇقتىدىن نۇقتىغا» توشۇش لىنىيەسىدىن 19ى ئېچىلدى، بۇ، ياۋروپا - ئاسىيادىكى 17 دۆلەت، 24 شەھەرنى قاپلىدى.

  جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. 2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد دوللارغا يېتىپ، 1950- يىلىدىكىنىڭ 1481 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. دۇنياغا يۈزلەنگەن جۇڭگو شىنجاڭ يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دولقۇنىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن كارامىتىنى كۆرسىتىپ، نەتىجىسىنى نامايان قىلماقتا.

  بەزىلەر: شىنجاڭغا كەلگەندە ئاندىن ئاسماننىڭ نەقەدەر كۆكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، دەيدۇ. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى جۇڭگونىڭ ئىللىق قوينىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد شىنجاڭلىقلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جاپاغا چىداپ ئىشلەپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پايانسىز بوشلۇقنى يورۇتۇپ، بىپايان تۇپراقنى ئىللىتتى.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش. يېڭى تارىخىي پەللىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى دولقۇن يېرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ