خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۆرتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىڭتۈەن 5-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى ماخمۇتجان بارات قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.
ماخمۇتجان باراتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ماخمۇتجان بارات، ئەر، ئۇيغۇر، 1963-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدىن، 1981-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە (2001-يىلى 7-ئايدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ پارتىيە تەلىماتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان).
1978-يىلى 10-ئايدىن 1981-يىلى 7-ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛
-1981يىلى 7-ئايدىن 1991-يىلى 10- ئايغىچە، جىڭ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛
1991-يىلى 10-ئايدىن 1992-يىلى 5- ئايغىچە، بورتالا ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛
1992-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 12- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، ئادۋوكاتلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1992-يىلى 12-ئايدىن 1997-يىلى 5- ئايغىچە بورتالا شەھىرى ئۇتبۇلاق يېزىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1997-يىلى 5-ئايدىن 1998-يىلى 4- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1998-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 9- ئايغىچە بورتالا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
2001-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 8- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
2006-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلى 11- ئايغىچە، بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛
2009-يىلى 11-ئايدىن 2012-يىلى 3- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
2012-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىڭتۈەن 5-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان.
(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى