مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى-غۇلجا ئارا قاتنايدىغان «گۈللىنىش ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسى نۆۋەتچى پويىزى تۆت جۈپكە كۆپەيتىلىدۇ

2019.09.19 15:47 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، غۇلجىغا بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈرۈمچى-غۇلجا ئارا قاتنايدىغان «گۈللىنىش ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىن ئىككى جۈپنى كۆپەيتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ يۆنىلىشتە قاتنايدىغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسى تۆت جۈپ بولىدىكەن.

  C8745 ۋە C8746 قېتىملىق بىر جۈپ پويىز كۆپەيتىلگەن. C8745 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى بېكىتىدىن سائەت 12:15دە يولغا چىقىپ، سائەت 17:44دە غۇلجىغا يېتىپ بارىدۇ، 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە قاتنايدۇ، يول ئۈستىدە كۈيتۈن بېكىتىدە توختايدۇ؛ C8746 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز غۇلجىدىن سائەت 13:30دە يولغا چىقىپ، سائەت 18:20دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ، 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە قاتنايدىغان بولۇپ، بىۋاستە ئۇدۇل قاتنايدۇ.

  C8747 ۋە C8748 قېتىملىق بىر جۈپ پويىز كۆپەيتىلگەن. C8747 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى بېكىتىدىن سائەت 18:40دە يولغا چىقىپ، سائەت 23:52دە غۇلجىغا يېتىپ بارىدۇ، 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ19-كۈنىگىچە يول ئۈستىدە شىخەنزە، كۈيتۈن، شىخو بېكىتىدە توختاپ ئۆتىدۇ؛ 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە يول ئۈستىدە شىخەنزە، كۈيتۈن، جىڭنىڭ جەنۇبىي بېكىتىدە توختاپ ئۆتىدۇ. C8748 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز غۇلجىدىن سائەت 18:10دە يولغا چىقىپ، سائەت 23:17دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ، 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە قاتنايدۇ، يول ئۈستىدە كۈيتۈن، ساۋەن ناھىيەسى، شىخەنزە بېكىتىدە توختاپ ئۆتىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ھازىر قاتناۋاتقان C8741 ،C8742 ،C8743 ،C8744 قېتىملىق ئىككى جۈپ «گۈللىنىش ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسى نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توختاپ ئۆتىدىغان يولۇچىلار بېكىتى ۋە يولغا چىقىش ۋاقتىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ