ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى: ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ماختىدى

2019.09.18 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  زىمبابۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى رۇەن گېلەي مۇجاپ (سولدىن 2- كىشى) تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ كۇرسانتى (ئوڭدىن 2- كىشى) بىلەن ئۆگىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ( 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 9- سېنتەبىردىن 12- سېنتەبىرگىچە بۇرۇندى، ئۇگاندا، لېسوتو، جەنۇبىي ئافرىقا، بۇكىنافاسو، كونگو، موزامبىك، جىبۇتى، سۇدان ۋە زىمبابۋې قاتارلىق 16 ئافرىقا دۆلىتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئاياللىرى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. ئەلچىلەر مەھەللىلەر، كەسپىي ماھارەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى، مەسچىت ۋە كارخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ چۇڭقۇر تەكشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختىدى، جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  ئەلچىلەر 9- چېسلا ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مېتروغا ئولتۇرۇپ ئايرودۇرۇمدىن شەھەر رايونىغا بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىگە بېرىپ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىتتىپاق ۋە ئىناق كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مىللىي كىيىم-كېچەك، چالغۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مۇزىكا ئىچىدە ئارتىسلار ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ