مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدا ساياھەتچى ئومۇمىي مىقدارى، ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسىدا قوش يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

2019.09.17 15:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىغا قارىغاندا، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 7 مىليون 205 مىڭ 700 ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.23 ئاشقان؛ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىستېمالى 1624.76 يۈەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 11 مىليارد 708 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.77 ئاشقان، ساياھەتچى ئومۇمىي مىقدارى، ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسىدا قوش يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

  يېزا - كەنت ساياھىتى، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت قىزىپ كەتتى. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بۇغدايلىقتا كۈزلۈك يىغىم پەسلى پائالىيىتى، قابا ناھىيەسىنىڭ بەيخۇالىن مەنزىرە رايونىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىدا گۆھەر ئىزدەش پائالىيىتى، باغراش ناھىيەسىدىكى «شىخەي ئالتۇن كۈز ئېيى . دەريا ئېغىزىدا جەم بولۇش بايرىمى» جۇڭچيۇ بايرىمى باش تېما پائالىيىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  ئىشىك ئالدى ئىستىراھەت ساياھىتىمۇ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈردى. كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇش، يۆبىڭ سوۋغا قىلىش، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرى ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆيىدىن چىقىپ مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىشقا جەلپ قىلدى. شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى ئۆتكۈزگەن «ئاي نۇرىغا چۆمگەن زېمىن مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» پائالىيىتى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. شىنجاڭ ياۋا ئات مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ليۇ جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەر كۈنلۈك ساياھەتچى 1900دىن 2000 ئادەمگىچە بولۇپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن %20 ئەتراپىدا كۆپ بولغان.

  نۇرغۇن ساياھەتچى ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقىشنى تاللىغان بولۇپ، بالىلىرىنى، چوڭلارنى ئېلىپ ساياھەتكە چىققان ساياھەتچىلەر %30 ئەتراپىدا بولدى. ئۈرۈمچى نەنشەننەن مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گۈلتاي مۇنداق دېدى: «ھازىر مەنزىرە رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، مەنزىرىسىمۇ ناھايىتى ياخشى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغان، بالىلىرىنى ئېلىپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلە جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشنى تاللىدى».

  نارات مەنزىرە رايونى يولغا قويغان ئېتىبار پائالىيىتى 9- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ساياھەتچىلەر كىملىكى بىلەن ئون يۈەنلىك ئېتىبارلىق ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر 47 يۈەنلىك ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبار پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ تاماشا قىلىش ئارزۇسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

  توغراق كۆرۈپ كۈزلۈك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش دەم ئېلىش كۈنى ساياھىتىدىكى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان تاللاش تۈرىگە ئايلاندى. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى تەكلىماكان قۇملۇقى ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر توغراقتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، قۇملۇقتىكى بىر مەيدان كاتتا ئۈن - سىن زىياپىتىدىن بەھرىلەندى. جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە لوپنۇر ناھىيەسى جەمئىي 44 مىڭ 455 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 7 مىليون 356 مىڭ 800 يۈەن ساياھەت كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %44.55 ۋە %69.56 ئاشۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ