مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ «شىنجاڭ كۈنى» بۈگۈن باشلىنىدۇ

2019.09.17 15:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئۈچ كۈنلۈك «شىنجاڭ كۈنى» باش تېمىلىق پائالىيىتىنى كۈتۈۋالىدۇ. شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى، گۇيتۈن تىياتىرخانىسى قاتارلىق كۆپ جايدا، شادىمان ناخشا - ئۇسسۇل ۋە خۇش پۇراق قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋىلەر چوقۇم نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە سۇنغان بىر سوۋغىسى. بۇ قېتىمقى «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «شىنجاڭ ياخشى جاي». ئاساسلىق مەزمۇنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تونۇشتۇرۇش ھەم سودا كېڭىشىشى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش. بىر قاتار تۈرلۈك سەرخىل پائالىيەتلەر باش تېمىنى چۆرىدەپ بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈچ كۈنلۈك «شىنجاڭ كۈنى»نى بېيىتىدۇ.

  9- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شىنجاڭ كۈنى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كىشىلەر قويۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆرەلەيدۇ، ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، باھالاش يىغىنىدا، ساياھەتچىلەر قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلالايدۇ.

  «شىنجاڭ كۈنى» مەزگىلىدە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تونۇشتۇرۇش ھەم كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يەرمەنكىسى» ۋە «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسىپ سىياسىتى ھەم تۈرى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى، ساياھەت - مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەخسۇس تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  «شىنجاڭ كۈنى» ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بەردى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى تەرتىپ بويىچە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ