مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش ۋاڭ خۇەييۈ ۋاپات بولدى

2019.09.17 15:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شى جىنپىڭ يولداش ۋاڭ خۇەييۈنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى

  چېن شى، چېن چۈەنگو تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك، 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش ۋاڭ خۇەييۈ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 14تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە 78 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يولداش ۋاڭ خۇەييۈنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى، ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى. چېن شى تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يولداش ۋاڭ خۇەييۈنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى، قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.

  يولداش ۋاڭ خۇەييۈ 1941- يىلى 6- ئايدا شەنشىنىڭ سۈيدې ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1974- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1960- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ داشۆسىنىڭ سىياسىي مائارىپ شىسى سىياسىي مائارىپ كەسپىدە ئوقۇغان، 1965- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ داشۆسى سىياسىي مائارىپ شىسى پارتىيە تارىخى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، 1975- يىلى 11- ئايدا مىچۈەن ناھىيەسىدە مائارىپقا ياردەم بەرگەن، 1977- يىلى 12- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى، شىنجاڭ داشۆسى سىياسىي مائارىپ شىسى پارتىيە تارىخى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، 1984- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ داشۆ پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان، 1986- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ داشۆ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1988- يىلى 11- ئايدا شىنجاڭ داشۆ پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان، 1993- يىلى 3- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش كاتىپى بولغان، 1996- يىلى 4- ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2001- يىلى 1- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 2009- يىلى 6- ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  يولداش ۋاڭ خۇەييۈ سىياسىيدا قەتئىي، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيە ساپاسىغا ئىگە بولۇپ، يازغان كۆپ قىسىم نەزەرىيەۋى ماقالىلىرى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھەم «ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى بايانلىرىدىن ئومۇمىي تېزىس» قاتارلىق ئۈچ پارچە مەخسۇس ئەسەرنى نەشر قىلدۇرغان. ئۇزاق مۇددەت مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالىي مەكتەپ، پارتكوم ئورگىنى، ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى قاتارلىق كۆپ ئورۇندا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسى مول، تەشكىلىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك. پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي ھالدا قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇن چىقىرىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئورگان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ