شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى: ئىككى قولى بىلەن بەخت يارىتىش

2019.09.11 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ئەلەمباغ كەنتىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە پاتىگۈل ياسىن (ئوڭدا) ۋە قىزى بىرلىكتە كەپتەرخانا ئىچىدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە (8- ئاينىڭ 14- كۈنى تارتىلغان). پاتىگۈل ياسىن ئائىلىسىدە كەپتەر بېقىش ئارقىلىق ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، بۇ ئېغىر نامرات ئائىلىنىڭ 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئۈمىد بار.

  يېقىندا، مۇخبىر قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ھويلىسىنىڭ دېھقانلار ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئايلانغانلىقىنى، كالا، ئېشەك، ئاق كەپتەر قاتارلىقلارنى بېقىش؛ گۈل، كۆكتات، مېۋە-چېۋە تېرىش ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى ۋە بەختلىك تۇرمۇش ياراتتى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست — يەنى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەت بېكىتكەن «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست»دىكى ئېغىر نامرات رايونلار ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا، شۇ جايدا جەمئىي 1 مىليون 889 مىڭ 500 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 1707 كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، تۆت نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامراتلىق نىسبىتى %29.1تىن %10.9كە تۆۋەنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ