ئارزۇ بۇ يەردىن باشلاپ قانات قاقىدۇ

2019.09.05 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئىچىدە، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە 6- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشۇپ، ئۆزئارا سالام بېرىشتى. يېڭى ئوقۇش يىلى كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى «ئارزۇ بۇ يەردىن باشلاپ قانات قاقىدۇ» تېمىسىدىكى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار 6- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەكتەپنى سۆيۈش، ئۇستازلارنى سۆيۈش ۋە ئۆگىنىشنى سۆيۈش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەكتەپكە كىرىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ