مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«خوتەن كەچلىك بازىرى» ئۈرۈمچىگە ماكانلىشىدۇ

2019.09.03 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەززىلىك تۇخۇم، مايلىق يۇلغۇن كاۋىپى، تاتلىق قېتىق تاڭزۇڭزا، شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرى . . . داڭلىق «خوتەن كەچلىك بازىرى» ئۈرۈمچىگە ماكانلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا خوتەننىڭ ھەقىقىي ئېسىل تائاملىرىنى تېتىيالايدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ خوتەن شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى «خوتەن كەچلىك بازىرى»نى يۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل شىنجاڭ دىڭيۈ تيەنچېڭ سودا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ شىنشاڭ تەمىنلەش زەنجىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە «<خوتەن كەچلىك بازىرى> تۈرى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىغان، بۇ، «خوتەن كەچلىك بازىرى»نى ئۈرۈمچىدە ماكانلاشتۇرۇش تۈرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  خوتەن شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرغۇنجان ئوبۇلھەسەن مۇنداق دېدى: خوتەن شەھىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، «خوتەن كەچلىك بازىرى» ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىز «خوتەن كەچلىك بازىرى»دىن ئىبارەت بۇ ماركىنىڭ مەركىزىي شەھەردە داڭق چىقىرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق ھەم ئۈمىد قىلىمىز.

  «كېلىشىم»دىكى پىلانغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى ئەتراپىدىكى شىنجاڭ غەربىي بازار خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان «خوتەن كەچلىك بازىرى» قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، 60تىن ئارتۇق يايما ئورنى تەسىس قىلىش مۆلچەرلەندى، يەنە نەچچە ئون شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك بايراقدار دۇكىنى بار بولۇپ، خوتەندىكى سودىگەرلەرنى تىجارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە خوتەن ئۆزگىچە تائاملىرى، مىللىي ناخشا - ئۇسسۇللىرى تاللاپ كىرگۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ كېچىلىك تۇرمۇش يېڭى بەلگىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ