خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئاۋغۇست، گۇاڭجۇ شەھىرى يۈنلەيسىباۋ مېھمانسارىيىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتى (گۇاڭجۇ) تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇاڭدۇڭ ساياھەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن زاتلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغىدى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنى قىزغىن، ئۆزگىچە ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى، ئارقىدىن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك بىلىملىرى بويىچە مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب قاتارلىق بىر قاتار قىزىقارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.
خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن ساياھەت كەسپى تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى قىسقا سىن فىلىمى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ بىپايان قۇملۇق، بىپايان چۆل-جەزىرە، بۈك-باراقسان بوستانلىق، كەڭ يايلاق، ئەگرى-بۈگرى قارلىق تاغلار، كۆپكۆك كۆللەر، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تارىخىي مەدەنىيىتىنى گۇاڭجۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.
شۇ كۈنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈز پەسىللىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ۋە توغراق فوتوگراف ساياھىتى، قىش پەسىللىك شىمالىي شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھىتى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، قۇملۇق ئېكىسپىدىتسىيە ساياھىتى تونۇشتۇرۇلدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يەنە تۈرلۈك ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى، يالقۇنتاغ، سايرام كۆلى، قاناس، مايتاغ-كۇچا تاشيولى، قۇمتاغ قۇملۇقى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى . . . شىنجاڭدىكى نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى كۆرگەزمىسى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى يۈەن ئەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى جانلاندى، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ. مەن تەتىلدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا بېرىپ، بىر قېتىم ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلماقچى.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى