مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈز كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى يېتىپ كەلدى

مۆلچەرلىنىشىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5 - ℃8 تۆۋەنلەيدىكەن

2019.09.02 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆل-يېغىن سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە ، 4-كۈنى كېچىدىن 6–كۈنى كۈندۈزگىچە، 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈچ قېتىم روشەن ھۆل -يېغىن، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھاۋارايى ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃ 5 - ℃ 8 تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قاتتىق يامغۇر ياكى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى بولىدىكەن. بۇ، بۇ يىل كۈز كىرگەندىن كېيىنكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ يامغۇر يېغىش ئىكەن.

  مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىدىن 3-كۈنى كۈندۈزگىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال، كۈچلۈك يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ ئەڭ كۈچلۈك ھۆل - يېغىن مەزگىلى: تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 1-چېسلا كېچىدىن 2 - چېسلا كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىدا 2-چېسلا كۈندۈزدىن كېچىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە 1 –چېسلا كېچىدە كۆرۈلىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃ 5 - ℃ 8 تۆۋەنلەيدىكەن.

  9-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدىن 6- كۈنى كۈندۈزگىچە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي رايونى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. ئەڭ كۈچلۈك ھۆل-يېغىن مەزگىلى: ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا 5-چېسلا كۈندۈزى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا 5-چېسلا كۈندۈزىدىن 6-چېسلا كۈندۈزگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا 5-چېسلا ۋە 6-چېسلا كۈندۈزى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا 4 - 5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق بەش سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

  7–چېسلادىن 8-چېسلاغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قېتىم بىرقەدەر روشەن يامغۇر ياغىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ