مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئابدۇغېنىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى

2019.08.30 09:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

  7- ئاينىڭ 20- كۈنى، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەنىدى، قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى بۇچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى ئابدۇرېشىتنىڭ بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقى باشلاندى. سۇ سېپىپ، ھويلىلارنى سۈپۈردى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى چاققانىدى. ئاشخانىدىكى مەشتە ئوت راسا كۆيۈۋاتاتتى، ھويلىنى تاماقنىڭ مەززىلىك ھىدى قاپلىغانىدى. ئۆيدە خوتۇنى ۋە بالىلىرى تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.

  ئابدۇغېنى ھويلىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپ يولغا چىقتى. تەربىيەلەش مەركىزىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئابدۇغېنى شىركەت باشقۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، موزدۇزلۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، كۈندە ئىككى تەرەپكە قاترىسىمۇ، ھارغىنلىق ھېس قىلمىدى.

  «مەن ھازىرقى ئالدىراشلىقىمنى ياخشى كۆرىمەن، ئىلگىرى بەكمۇ دۆتلىك قىلغان ئىكەنمەن، تەربىيەلىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن ئىدىيەمدە ئويغىنىش بولدى، ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلدىم» دېدى ئابدۇغېنى.

  ■ قارىغۇلارچە ئەگىشىش، ئىدىيەدە گاڭگىراپ قېلىش

  ئابدۇغېنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن تىجارەت قىلىشقا باشلىدى، ھەر يىلى 3- ئايدىن 10- ئايغىچە ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى ئىدى، تىجارىتى ياخشى بولغاندا يىلدا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپالايتتى.

  ئابدۇغېنى ئائىلىسىنىڭ ياخشى كۈنلىرىگە كەنتتىكىلەر ھەۋەس قىلاتتى، بۇ ئۇنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلاتتى. ھالبۇكى، ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش بولدى.

  2015- يىلى، ئابدۇغېنىنىڭ ئانىسى تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ قاتتىق ئازابلاندى. ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ناھايىتى ئاز ئادەمنىڭ قاتنىشىشى ئۇنى تېخىمۇ ئازابلىدى. ئاشۇ كىشىلەر ئۇنىڭغا: «سەن سىرتتا خەنزۇلار بىلەن تىجارەت قىلىسەن، ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس. ئاناڭنىڭ ئۆلۈمىگە قاتناشساق بىز ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا كىرىمىز...» دېدى. «مەن ئەينى ۋاقىتتا قىزىمنى ئويلىدىم، قىزىممۇ توي قىلىش يېشىغا بېرىپ قالغانىدى، ئەگەر ۋاقتى كەلگەندە قىزىمنىڭ تويىغا ئادەم قاتناشمىسا، ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.» ئىلگىرىكى ئويلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئابدۇغېنى ئۇيالغىنىدىن يەرگە قارىۋالدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قارىغۇلارچە ئەگىشىشكە باشلىدى، ئاتالمىش «ھەقىقىي مۇسۇلمان»نىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويدى. ئالدى بىلەن تاماكا - ھاراقنى تاشلىدى، ناخشا ئېيتمىدى، ئۇسسۇل ئوينىمىدى، ئارقىدىنلا خوتۇنىدىن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشنى، بېشىنى، يۈزىنى خالىغانچە ئوچۇق قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  «شۇ چاغلاردا ئەقلىمدىن ئازغانىكەنمەن.» ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: خىزمەتتە خەنزۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلدىم، سودام بارغانسېرى ناچارلاشتى، مەنمۇ بارغانسېرى تېرىككەك بولۇپ قالدىم، دائىم باھانە - سەۋەب تېپىپ خوتۇن - بالىلىرىمنى ئۇرۇپ، تىللايتتىم. «ئەينى چاغدا بەكلا گاڭگىراپ قالغانىكەنمەن، مەن <ھەقىقىي مۇسۇلمان>نىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىش قىلساممۇ نېمىشقا تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ؟» ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: ئەگەر ھەقىقەتەن ئاشۇ كىشىلەر دېگەندەك بولسا، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتسە بولاتتىغۇ؟

  «ئەجەبا قىلغانلىرىم يېتەرلىك بولمىدىمۇ، ھازىرقىسى ماڭا بولغان جازامۇ؟» بۇنداق ئوي - خىياللار خۇددى «زەھەرلىك ئۆسمە»دەك ئابدۇغېنىنىڭ كاللىسىدا كېڭىيىشكە باشلىدى. ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلاپ، ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا، يەنە ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىغىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى.

  ئابدۇغېنىنىڭ ئىشلىرىدىن خوتۇنى بۇئايشەم ئىمىن قورقتى. بۇئايشەم كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ، بىرلىكتە ئېرىگە خىزمەت ئىشلىدى. 2018 - يىلى ئابدۇغېنى قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كەلدى، ئۇ يەردە تەدرىجىي دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى. ■ تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىش، كەسىپتە قەد كۆتۈرۈش، ئائىلىسى بەختكە تولۇش

  قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئابدۇغېنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىلگىرى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

  «مەن تەدرىجىي ھالدا نېمىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەت، نېمىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالدىم.» ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: ئاشۇ كىشىلەر «دىن» تونىغا ئورىنىۋالغان بولۇپ، ھەقىقىي مەقسىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر.

  كاللىسىدىكى «زەھەرلىك ئۆسمە» ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئابدۇغېنى ئۆگىنىشتە تېخىمۇ تىرىشتى. «ئىلگىرى سودا قىلغاندا پۇتۇڭخۇانى بىلمەيتتىم، پۇل خەجلەپ تەرجىمان تەكلىپ قىلاتتىم، ھازىر تەرجىمان تەكلىپ قىلمايمەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، مەن ئاسماندىن پوشكال چۈشمەيدىغانلىقىنى، ياخشى كۈنلەرگە ئۆزىمىز كۈرەش قىلىپ ئېرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەنلىرىگە تايىنىپ، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان ئابدۇغېنىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى. «ئىلگىرىكىنىڭ ھەممىسى ئاغزاكىلا كېلىشىش ئىدى، ھازىر قانۇن ئېڭىغا ئىگە بولدۇم، ھەربىر تىجارەتتە خېرىدار بىلەن توختام تۈزىدىغان بولدۇم، ناھايىتى ئۆلچەملىك بولغانلىقى ئۈچۈن مېنىڭ شىركىتىم بىلەن ھەمكارلىشىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.» ھازىرقى خىزمەت ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا، ئابدۇغېنى ناھايىتى پەخىرلەندى.

  ئېرىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرگەن خوتۇنى بۇئايشەم كۆڭلىدە خۇشال بولدى. ئۇنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى ئېرىنىڭ كۆيۈمچان بولۇپ كەتكەنلىكى ئىدى. مۇخبىرغا ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا، بۇئايشەم ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. يېنىدىكى ئابدۇغېنى دەرھال ئۇنىڭغا قەغەز بەردى، ئۇنىڭ ئازراق خىجىل بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

  ئىلگىرىكى ئابدۇغېنى ئۆيدە ھېچ ئىش قىلمايتتى، بۇئايشەم ئۆزى يالغۇز بالا باقاتتى، ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى، يەنە پات - پات تىل ئىشىتىپ، تاياق يەيتتى. ھازىر ئېرى باشقا بىر ئادەمگە ئايلانغانىدى. بۇئايشەم مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ياش تۆكۈشىدىكى سەۋەبنى ئېيتىپ بەردى. بۇ يىل 4- ئايدا، بۇئايشەم تاماق ئەتكەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتىنى كۆيدۈرۈۋالدى، ئانىسى ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولغاندا، ئابدۇغېنى قەتئىي قوشۇلمىدى. ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇ خوتۇنى بىلەن بالىسىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپلا قالماي، ئۆينىمۇ جايىدا يىغىشتۇردى.

  بىرىنچى قېتىم تاماق ئېتىش، بىرىنچى قېتىم خوتۇنىغا كىر يۇيۇپ بېرىش، بىرىنچى قېتىم بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش... بۇ ئۈچ ئايدا، ئابدۇغېنى ھاياتىدىكى نۇرغۇنلىغان بىرىنچىلەرنى سىناپ كۆردى. «تەلىم - تەربىيەنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەر ۋە ئاتا بولۇش مەسئۇلىيىتىمنى تونۇپ يەتتىم، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنىمۇ ئۆگەندىم.» ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: ھازىر مەيلى خىزمىتىم قانچە ئالدىراش بولسۇن، ئائىلىدە خوتۇنۇمغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىمەن، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.

  ■ مىننەتدارلىقنى يەتكۈزۈش، كەنتنىڭ خۇرۇم ئاياغ سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىش

  سودىسىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئابدۇغېنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ شىركەت قۇردى. لېكىن ئۇ ھەمىشە نېمىدۇر كەمدەك ھېس قىلاتتى.

  خوتۇنى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق پاراڭ ئارىلىقىدا، ئۇ كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتتى. «كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولغان، مەن بۇ مېھىر - شەپقەتنى تەشۋىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.» ئابدۇغېنىنىڭ ئويى خوتۇنىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  لېكىن، نېمە ئىش قىلسام بولار؟ ئابدۇغېنى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ قەشقەر شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نەزەرباغ بازىرى بۇچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى مەمەت رىشاتنى ئىزدەپ بېرىپ، كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى. مەمەت ئۇنىڭغا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كەنتتە موزدۇزلۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا مەسئۇل كىشى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  «بۇ ئويۇڭلار بەك ياخشى ئىكەن.» ئابدۇغېنى بىرئاز ھاياجانلاندى. ئەسلىدە بۇچا كەنتىدە موزدۇزلۇق ئەنئەنىسى بار ئىدى. «كەنتىمىزدە نۇرغۇن ياشانغان كىشىنىڭ ھەممىسى تىكەلەيدۇ، بۇ بىر خىل ئۆزگىچە ئۆتۈك بولۇپ، سىرتى كالا تېرىسىدىن، ئىچى قوي تېرىسىدىن تىكىلىدۇ، سوغۇقتىن ساقلىشى ئالاھىدە ياخشى.» ئابدۇغېنى: ئاياغ ئاساسلىقى ئالتاي ۋە شىزاڭ، شەرقىي شىمال قاتارلىق ئالاھىدە سوغۇق بولىدىغان جايلارغا سېتىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئىلگىرى دادىسىمۇ بىرنەچچە يىل موزدۇزلۇق قىلغان ئىكەن.

  كېيىن ئابدۇغېنىنىڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئاخىر 21 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى كوپىراتىپقا قوشۇلۇشنى خالىدى، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى نامرات ئائىلە ئىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم قىلىپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، تاشلىنىپ قالغان بىر پارچە يەر زاۋۇت ئۆيى قىلىندى. بۇ يىل 5- ئايدا، بۇچا كەنتىدە موزدۇزلۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى.

  ئابدۇغېنى ئاساسلىقى خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا مەسئۇل بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنى يىغىپ، بىرتۇتاش تىكتى، ئاندىن بىرتۇتاش ساتتى، ئاياغنىڭ بازار باھاسى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى ھەرقايسىسى ئۆز ئۆيىدە تىكىپ، بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتى ياكى سىرتتىكىلەرنىڭ كەنتكە كېلىپ سېتىۋېلىشىنى كۈتەتتى. بازار ئېنىقسىز بولغاچقا، ئاياغ تىكىدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەنىدى.

  مۇخبىرنىڭ موزدۇزلۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىلىرى ئايدا تەخمىنەن 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپتۇ. لېكىن ئابدۇغېنى تېخىمۇ يىراقنى كۆزلىدى، تېخى ئالدىنقى ئايدىلا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. «مەن تېخىمۇ كۆپ پاسوندىكى ئاياغلارنى تىكىشنى پىلانلاۋاتىمەن، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاياغلىرىمىزنى چەت ئەللەرگە سېتىپ، كەنتىمىزگە مەنسۇپ سۈپەتلىك ماركا يارىتىمىز.» كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا ئابدۇغېنى ئىشەنچكە تولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ