مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي بايلىق سىستېمىسى مۇلازىمەتتە بىر قەدەمنى كۆپ ماڭدى، ئامما بىر قېتىم ئاز قاترىدى

2019.08.30 09:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دىققەت كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋە يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىشنى مەخسۇس تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي بايلىق سىستېمىسى مۇلازىمەتتە بىر قەدەمنى كۆپ ماڭدى، ئامما بىر قېتىم ئاز قاترىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: تۇرپان شەھىرى ئاھالىسى ۋۇ جيەنخۇا قىزىل رەڭلىك كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى سىلىغىنىچە بەختكە تولغان ھالدا كۈلدى.

  «بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مەن ئانامغا ھەمراھ بولۇپ تۇرپان شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ئىدىقۇت رايونلۇق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىگە بېرىپ كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلدىم. گۇۋاھنامىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئانام ئاغرىپ قالغاچقا، گۇۋاھنامىنى ئېلىشقا ئىزچىل بارالمىدىم.» 8- ئاينىڭ 22- كۈنى، ۋۇ جيەنخۇانىڭ قىزى مۇنداق دېدى: «ئىدىقۇت رايونلۇق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، بىزنى كېلىشىملىك ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇلارغا كۆپ رەھمەت!»

  ھەرىكىتى قولايسىز ياكى ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەق مەيدانغا بارالمايدىغان ئاممىنى «ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەش ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ئامما ئىنكاس قىلغان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتە ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى.

  «كىنىشكا بېجىرىش ئاستا بولۇش» «كۆپ قېتىم قاتراش»، ئىلگىرى ئاممىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمىتىگە قارىتا ئىنكاسى كۆپ، ئاغرىنىشى كۆپ بولۇش مەسىلىلىرى باش تېما تەربىيەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تەرىپىدىن تۈزىتىش تىزىملىكىگە بىرمۇبىر كىرگۈزۈلۈپ، بىرمۇبىر ھەل قىلىندى. «بىز بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، <تۈزىتىش>نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ رۇيياۋ.

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ تىزىملاش ھەمدە كۆزنەكنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تىزىملاش نەتىجىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئىش بېجىرىش كۆزنىكىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى، پوچتا ساندۇقىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تۈزەتتى.

  «بىز يەنە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تەبىئىي بايلىق ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇڭ شۇجۈن مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى+كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش»، كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشنى «كۆرۈشمەي» بېجىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى يەنە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەيدىغان مۇھىم خىزمەتنىڭ بىرى قىلىپ، پۇختا ئالغا سىلجىتتى. بىر قىسىم ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش تەرتىپىنى پىششىق بىلمەسلىك، يەر ئېلىش تولۇقلىمىسىنى قەرەلىدە نەقلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، بۇ نازارەت سىنلىق كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش، نەق مەيدانغا بېرىپ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، يەر ئېلىش تولۇقلىمىسىنى سۈرۈك ئىچىدە نەقلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تۈزەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ