مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

2019.08.30 09:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يىغىندىن بۇرۇن، بەنزە ئەزالىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسىي ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس لېكسىيە بىلەن مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، تېما بەلگىلەپ ئۆگىنىش بىلەن تەتقىق قىلىپ، مۇھاكىمە قىلىپ ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يازما پىكىر ئېلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ تەكلىپ - پىكىر ئالدى؛ سىردىشىش، سۆزلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بەنزە ئەزالىرى ئارىسىدا، بەنزە ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان باشقارما، ئىشخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ئۆزىنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن جەزمەن سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا تولۇق ئىدىيە ۋە خىزمەت تەييارلىقى قىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداش رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن تەكشۈردى، كۆزەتتى، تەھلىل قىلدى، بەنزە ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇردى، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. يىغىندا قىلىنغان سۆزلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» تەلىپى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق رەتلىنىپ، ئۆزىگە تەتبىقلىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلىنىپ، خىزمەتكە تەتبىقلىنىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراش سەگەكلىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈلۈپ - كۆزىتىلىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئىدىيە ۋە سىياسىيدىكى چاڭ - توزانلار تازىلىنىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يۈزى قىزارتىلىپ تەرلىتىلىپ، زەھەر ھەيدىلىپ كېسەل داۋالىنىپ، مەدەت بېرىلىپ ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ» كۈچەيتىلىپ، «تۆت ئىشەنچ» چىڭىتىلىپ، «ئىككىنى قوغداش» تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يېتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ