مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى

2019.08.30 09:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ، پىراكتىكانت جيا فاڭنىڭ 8- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەت زىيىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى ئومۇمىي سانى، ئادەم ئۆلۈش سانىدا قوش تۆۋەنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 8- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇدا 1242 كۈن ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبەرمىگەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنى ساقلىغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بيەن دېيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ۋە ئاپەتنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى قۇرۇپ، يەر تەۋرەش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتكەن. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى سىجىل، ئۈزۈلمەي تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىي ئىجازىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى چىڭىتقان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھادىسە ئومۇمىي سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سىجىل تۆۋەنلىگەن، بىرقەدەر چوڭ ھادىسىلەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور كۆلەمدە ئازايغان. نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، كۆمۈر كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، يول - تىرانسپورت، تۆمۈريول تىرانسپورتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە يۈزبەرگەن ھادىسە سانى ۋە ئادەم ئۆلۈش سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن «قوش تۆۋەنلىگەن». مېتاللۇرگىيە - ماشىنىسازلىق، قاتناش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھادىسىلەر بەش ئۈلۈشتىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن.

  بيەن دېيۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنىڭ يۈزبېرىشىدىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىدۇ ۋە ئۇنى توسىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ