مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈزىتىش قاتتىق تۇتۇلۇپ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈلۈپ ئاۋامغا بەخت ئېلىپ كېلىندى

2019.08.30 09:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك زىيارەت

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسى بىلەن خىزمەت ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش تېمىنى، ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ پۇختا بولۇشىنى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  ■ دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش

  «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پۇقرالار ئاسان قوبۇل قىلىدىغان تىل ۋە ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز يەتكۈزۈلدى»؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى خەۋەر قىلىش تەشكىللىنىپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى...

  باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ساقلانغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەشتىكى ئون جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىگە، بولۇپمۇ مەسئۇل ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈستىگە ئالغان ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكى ۋە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈردى. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز يەتكۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇش تېخى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، 57 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تىزىملىكىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى، مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرمۇبىر ياخشى تۇتتى.

  يېقىندا «كىلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ باھارنى سۈرەتلەش، سىياھلارنىڭ خۇش ھىدى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش» تېمىسىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرىنى كېلىپ كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

  ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئامما ئوتتۇرىغا قويغان «ھەرقايسى جەمئىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئاممىغا يېقىن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش» تەكلىپىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىيلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرۇپ، «<ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك> بولۇشنى كۈچەيتىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئارىسىغا بېرىش» ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىيلىرى مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قارىمىقىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنى خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر قاتار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  ■ دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈش مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش

  شىنجاڭ گېزىتى تورى، تىيانشان تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئاچسىڭىز، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. پۇختا زىيارەت قىلىنغان ھەربىر جانلىق، تەسىرلىك خەۋەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە يۈزبەرگەن يېڭى ئۆزگىرىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى نامايان قىلىدۇ.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەرتىپكە سېلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، 118 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش كونكرېت تەدبىرىنى بېكىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە تۈزەتكەنلەرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈردى. ئەمەلىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى ياخشى تەشكىللەشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، گېزىتخانا (گۇرۇھ) قارىمىقىدىكى گېزىت، تور، ژۇرنال، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تاراتقۇ يۇغۇرۇلۇش كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس ئىستونى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى تەسىس قىلىپ، خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر، ئۇنىۋېرسال بايان، يۈرۈشلۈك ئوبزور قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپتىن باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتى، نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى قاتارلىق مۇھىم، زور باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى ياخشى تۇتۇش، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلدى.

  يېقىندا شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئىشلەپ كۆرسەتكەن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى تېلېۋىزىيە فىلىمى − «ئەسلىي مەقسەت . بۇرچ» شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يەتتە قانىلىدا ئۈچ خىل تىلدا كۆرسىتىلىپ، ئاڭلىتىلىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى چىڭ ساقلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

  شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى رادىيو - تېلېۋىزىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، رادىيو - تېلېۋىزىيەنىڭ تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى پىروگرامما ئىشلەش، كەسىپنى باشقۇرۇش ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلىدى. تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملەرنى قايتىدىن تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈردى؛ ئاخبارات، كېچىلىك، سۆھبەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش تېما تەربىيەسىنى خەۋەر قىلىشنى يۇغۇرۇپ ياخشى ئىشلىدى؛ شىنجاڭ ئاخبارات تورى، خۇيۈ تورى ھەم «ئۈندىدار، مىكروبىلوگ، ئابۇنىچىلار تېرمىنالى»نىڭ باش بېتىنىڭ مۇھىم يېرىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارنى تەسىس قىلىپ، ئىجادىي ئۈن - سىنلارنى نۇقتىلىق ئېلان قىلدى... باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

  ■ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  8- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچقۇرۇن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى تۆۋەنگال كەنتىدە، 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى كەنت ئاھالە كومىتېتى مەيدانىدا مەيدان ئۇسسۇلى ئويناۋاتاتتى. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرى نۇرئەلى ئەمەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇسسۇل يېتەكچىسى. «مەن كەنت ئاھالىلىرىگە <مەن كۈرەش قىلىمەن، مەن بەختلىك>، <مەن دېھقان> دېگەن مەيدان ئۇسسۇلىدىن ئىككىنى ئويناشنى ئۆگەتتىم، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى» دېدى نۇرئەلى.

  ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ. باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ئامما ئىنكاس قىلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە چېنىقىشىدا تەشكىللەپ يېتەكلەش كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مارالبېشى ناھىيەسى ۋە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۈچ يېزىسىدىكى 17 كەنتتە تەيجى گۇمپىسى، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ۋە مەيدان ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ كېڭەيتىپ، 140 تىن ئارتۇق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دېھقان تىرېنېرىنى تەربىيەلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى ناھىيەدىكى 30 مىڭغا يېقىن دېھقان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  دىققەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى يەنىمۇ تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش. ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «ئىلگىرى كىتاب ئوقۇماقچى بولساق مەخسۇس كىتابخانىغا بېرىپ سېتىۋالاتتۇق، ھازىر تېلېۋىزوردا <تېلېۋىزىيە كۇتۇپخانىسى> سەھىپىسى بار، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلەيمىز، بەك قولايلىق» دېدى قاراقاش ناھىيەسى سىزىي كوچا باشقارمىسى قۇملۇق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى زىبىرنىسا جۈمە.

  ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قانداق قىلىپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ، دېگەننى چۆرىدەپ، تىيانشان بۇلۇتى سۇپىسىدا «نادىر ئەسەر ئوقۇش»، «تېلېۋىزىيە كۇتۇپخانىسى» سەھىپىسىنى تەسىس قىلدى، ھەر مىللەت تاماشىبىنلار ئاۋازلىق چېكىش ياكى سىنلىق چېكىش شەكلىنى قوللىنىپ، 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك كىتابنى، جۈملىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق گېزىت - ژۇرنال، داۋاملاشما مائارىپ، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت قاتارلىق قىزىقىشى بويىچە ئۆگىنىدىغان سىن دەرسلىكى ۋە ئوقۇتۇش، تەكرار قىلىش مەنبەلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ خاسلىققا ئىگە كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ