مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.08.30 09:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈچەپ تېخىمۇ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا كەسىپلەر باغچىسىدا، شۆھرەت زاكىر كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، باغچە رايون قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ جېنى، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى ساھەسىدە داۋاملىق تۈجۈپىلەپ ئىش قىلىپ، كارخانىنى زورايتىش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كارخانا شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسىدا ھازىر ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ھەم مۇناسىۋەتلىك كەسىپ كارخانىسىدىن 20سى بار بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، كۆرگەزمە قىلىش، سودا قىلىش ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپى ماس قەدەمدە راۋاجلانغان پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرى يېڭى كەسىپ ھالىتى شەكىللەندى. ئوسمانىي ئالتۇن - كۈمۈش، زىبۇ - زىننەت پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ ياساش سېخىدا، ئەنئەنىۋى ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلەرنى ياسايدىغان پېشقەدەم ھۈنەرۋەنلەر ھۈنەرگە پىششىق بولۇپ، نەپىس زىبۇ - زىننەتلەرنى ياساۋاتاتتى. شۆھرەت زاكىر كارخانا مەسئۇلىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، پېشقەدەم ھۈنەۋرەنلەرنىڭ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىش، تۇرمۇش تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سەمىمىي ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەۋھەر، مېغىزلارنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تىرىشىپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، مەمۇرلارنىڭ «جاپا كۆرسەتكۈچى» بەدىلىگە ئاممىنىڭ «رازى بولۇش كۆرسەتكۈچى» ۋە كارخانىلارنىڭ «تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى»ىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ