مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.08.30 09:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بىڭتۇەن پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، بىڭتۇەن پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە، ھاسىلاتنى ئېدىتلاپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۇڭ يۈيىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم باھا بەردى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جىن دېشۇي ۋە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تولۇق تەييارلىق قىلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، تەكشۈرۈلگەن - كۆزىتىلگەن مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  يىغىندا سۈن جىنلۇڭ ئالدى بىلەن بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېت بەنزىسىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلدى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلدى، دائىمىي كومىتېتتىكى باشقا يولداشلار تەرتىپ بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلدى، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك پارتىيەگە، كەسىپكە، يولداشلارغا، ئۆزىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوبيېكتىپ مۇئەييەنلەشتۈردى، تۈزىتىش تەدبىرلىرى كونكرېت، ئەمەلىي بولدى، يۈزى قىزارتىلىپ تەرلىتىلىش، ئىلھاملاندۇرۇپ مەدەت بېرىش، ئۆزئارا تەربىيە بېرىپ، ئورتاق يۈكسىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

  سۈن جىنلۇڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. «ئىككىنى قوغداش» جەھەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قەتئىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىش، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىش، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىش، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىش كېرەك. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا تېخىمۇ كۈچەپ، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەندىكى كەڭ ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇپ، تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، تۈپ ئاساسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق كەلگۈسى مەسىلىلىرىدە كۈچەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە نامايان قىلىش كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئۈزۈل - كېسىل بولۇپ، مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، سىياسىي مەنزىل، ئىدىيە مەنزىلى، ئەخلاق مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ