شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، بىر ياش ئۆز دۇكىنىنىڭ ئالدىدا دوپپا تىزىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە (8-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان) .
ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن دېھقان- چارۋىچىلار «ساياھەت تامىقى»غا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك، قونالغۇ، يېمەك ـ ئىچمەك، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى تىجارىتى، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق 32 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ % 80ىنى تاماملىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ