مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

2019.08.29 13:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پىلانلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، سىردىشىش - سۆزلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈلگەن - كۆزىتىلگەن مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، بەنزە ۋە شەخسنىڭ تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  يىغىندا شاۋكەت ئىمىن دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلدى ھەم ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇردى، پارتگۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ بىر - بىرلەپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، ئۆزئارا تەنقىد قىلىش، ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، كەمچىلىكىنى ئېچىپ، ئەيىبىنى ئاشكارىلىدى، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، خاتالىقنى تۈزىتىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.

  شاۋكەت ئىمىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەمدە ئۆزئارا تەنقىد قىلىش پىكىرلىرىگە قارىتا تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىشنى تۇتۇپ، بىر - بىرلەپ جايىدا تۈزىتىش، بولۇپمۇ مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۈزىتىش»تىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق «تۈزىتىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي «تۈزىتىپ»، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى رازى قىلىشنى چۆرىدەپ «تۈزىتىپ»، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىپ «تۈزىتىپ»، رەھبەرلىكنىڭ يېتەكلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ «تۈزىتىپ»، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىدىيە - سىياسىيدا، روھىي ھالەتتە، خىزمەت ئىستىلىدا كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم باھا بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ