مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم پۇل، مۇكاپات بېرىش سىياسىتىنى قوزغاتتى، يولغا قويدى

2019.08.29 13:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل ئوتلاق ياردەم پۇلى، مۇكاپاتى ئەمەلىيلىشىدىغان ئومۇمىي كۆلەم 691 مىليون مو بولۇپ، 300 مىڭ ئائىلىلىككە يېقىن دېھقان - چارۋىچى نەپكە ئېرىشىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم پۇل، مۇكاپات بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2019- يىللىق)»گە ئاساسەن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتلاق ياردەم پۇلى، مۇكاپاتى ئەمەلىيلىشىدىغان ئومۇمىي كۆلەم 691 مىليون مو، تارقىتىلىدىغان ياردەم پۇل، مۇكاپات مەبلىغى 2 مىليارد 477 مىليون 250 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 300 مىڭ ئائىلىلىككە يېقىن دېھقان - چارۋىچى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلە 8000 يۈەندىن ئارتۇق ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم پۇل، مۇكاپات بېرىش سىياسىتىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاقلارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان. چارۋا بېقىش چەكلەنگەن 150 مىليون 100 مىڭ مو ئوتلاق ئىچىدىكى 5 مىليون 100 مىڭ مو مۇھىم سۇ مەنبەسى ساقلانغان جاي ۋە ئوتلاق تۈرىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا چارۋا بېقىش چەكلەنگەن بولۇپ، ھەر موسىغا 50 يۈەن ئۆلچەمدە ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن، 145 مىليون مو چېكىنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان مۆتىدىل چۆل، ئېگىز سوغۇق چۆل ۋە ئېگىز سوغۇق ئوتلاقلاردا چارۋا بېقىش چەكلەنگەن بولۇپ، ھەر موسىغا ئالتە يۈەن ئۆلچەمدە ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايوندىن باشقا 540 مىليون 900 مىڭ مو ئوتلاققا قارىتا، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئوتلاقنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن مۇۋاپىق مال چارۋا سىغىمچانلىقى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان چارۋىچىلارغا ھەر يىلى ھەر موسىغا 2.5 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى يەم - خەشەك، ئوت - چۆپ باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم پۇل، مۇكاپات بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىدۇ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئوتلاق ھۆددىگەرلىكى، چارۋىچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش، كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋا بېقىشنى چەكلەش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلەرنى بىرىكتۈرۈش، مەبلەغنى چېتىش ئارقىلىق، «كەسىپ ئارقىلىق ئادەم يۆتكەش، ئوتلاقلاردىكى چارۋىلارنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۆتكەش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ياردەم پۇل، مۇكاپات مەبلىغىنى تارقىتىش جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار دېھقان - چارۋىچىلارنى مەبلەغنى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ياردەم پۇل، مۇكاپات مەبلىغىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى پائال رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

  دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم پۇل، مۇكاپات بېرىش سىياسىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم پۇل، مۇكاپات بېرىش سىياسىتى «يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ياردەم پۇلى، مۇكاپاتى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش يېتەكچى پىكرى (2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نىڭ تەلىپى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ياردەم پۇل، مۇكاپات مەبلىغى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن تارقىتىلىپ نەقلەشتۈرۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ