مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن كەسىپ، پۈتۈن ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى قاپلىغان قانۇن مۇلازىمىتى تورىنى بەرپا قىلىدۇ

2019.08.29 13:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىشنى قوللاپ، يېتەكلەپ

  پۈتۈن كەسىپ، پۈتۈن ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى قاپلىغان قانۇن مۇلازىمىتى تورىنى بەرپا قىلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ 8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايونىمىز «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېزدىن پۈتۈن كەسىپ، پۈتۈن ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى قاپلىغان قانۇن مۇلازىمىتى تورىنى بەرپا قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئەمەلىي گەۋدە، قىزىق لىنىيە، توردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئادۋوكاتلىق ئورنى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى، كېسىم كومىتېتى، ئەدلىيە ئورنى، قانۇن ياردىمى مەركىزى، خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى قاتارلىق ھەرقايسى كەسپىي قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھازىر شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر سىيىت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشى 2015- يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنىش ئاساسىدا، 2017- يىلى 10- ئايدا رەسمىي ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئەمەلىي سۇپا جەھەتتە، بەش دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ۋە قوللىنىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزىدىن ئۈچى، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزىدىن 96سى، يېزا - بازار (كوچا)لىق ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەت پونكىتىدىن 1087سى، كەنت (ئاھالە) كومىتېتى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى خىزمىتى ئىشخانىسىدىن 11 مىڭ 577سى قۇرۇلدى، قىسمەن ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر يەنە خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدا ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى نۇقتىسى قۇرۇپ، ئۇزارتىلغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  تور سۇپىسى ۋە قىزىق لىنىيە سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى + ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى»نى پائال بەرپا قىلدى. 2018- يىلى 1- ئايدا «12348 شىنجاڭ قانۇن تورى» تور سۇپىسى تورغا چىقىرىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يان تېلېفون APPسى، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى، PC تېرمىنالى ۋە كۆچمە تېرمىنالنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇلتۇر 12- ئايدا، يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «12348 ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيە سۇپىسى» ئېچىلدى، 785 نەپەر قانۇن مۇلازىمىتى خادىمى لىنىيەدە مۇلازىمەت قىلىشقا قاتنىشىپ، 9000 ئادەم قېتىمغا تېلېفون ئارقىلىق مەسلىھەت بەردى.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ساقلىنىۋاتقان ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، ئاساسىي ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈچ چوڭ سۇپىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قانۇن مۇلازىمىتى كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە، ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىمىز.» ئەنۋەر سىيىت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئەدلىيە سىستېمىسى يەنە قانۇن مۇلازىمىتى سۇبيېكتى بايلىقى قوشۇنىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقىنىڭ قانۇن بويىچە رايون ھالقىپ مۇۋاپىق يۈرۈشۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە قانۇن ياردىمى بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىشنى تەتقىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن ياردىمى دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئاساسىي قاتلام قانۇنچىللىق تەشۋىقات بازىسى، خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كەنت (ئاھالە) كومىتېتى قانۇن مەسلىھەتچىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدە ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر رايونى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا - بازار ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورۇنلىرىنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇن ياردىمى مۇلازىمەت پونكىت - نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىشنى قوللايدۇ، يېتەكلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ