مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىيانشان قار شاپتۇلىنى ئوتتۇرا شەرق بازىرىغا پەقەت بەش سائەتتىلا تۇشۇپ ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ

2019.08.28 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:8 - ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن دۇبەيگە ئۇچىدىغان CZ6069 نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىر توننىدىن ئارتۇق تىيانشان قار شاپتۇلىنى قاچىلاپ ئۇچۇپ، بەش سائەتتىلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يەرلىك مېۋىلىرىنى ئوتتۇرا شەرق بازارلىرىغا توشۇپ ئېلىپ باردى.

  شىنجاڭ كېچۇاڭ دېھقانلار مېۋە-چېۋە كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى نيۇ شۇسېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قار شاپتۇللار بىڭتۇەن 6- شى 105- تۇەندىن چىققان بولۇپ، پاتېنت نامى «يۈدى قارلىق شاپتۇل» بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1000 مو كېلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك شارائىتى تىيانشان قار شاپتۇلىنى دانىسى چوڭ، شىرنىسى كۆپ، تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تەملىك شاپتۇل قىلىپ بەردى، تەمى نۇرغۇنلىغان سۇلۇق شاپتۇللارنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئۇلار ئۆز جايىدا سېتىلغاندىن باشقا، دۆلەت ئىچىدىكى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىيانشان قار شاپتۇلى دېگەن چىرايلىق نام چەت ئەللەرگە تارقالدى. 2017- يىلى تىيانشان قار شاپتۇلى دۇبەيگە سېتىلدى، ئىنكاسى بىر قەدەر ياخشى بولدى. بۇ يىل بۇ كوپىراتىپ دۇبەيدىكى تاللا بازىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، سېتىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىكەن. ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتى سۈپىتىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلالايدىكەن، تىيانشان قار شاپتۇلى جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايرۇپىلانى ئارقىلىق دۇبەيگە داۋاملىق توشۇلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن دۇبەيگە بىۋاستە ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان بىردىنبىر نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قاتنايدىكەن، ئالتە توننا ئەتراپىدا توشۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ