مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ «ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش» ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى

2019.08.28 13:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى مۇتەللىپ روزى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا «ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش» ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 8-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، شىنجاڭدا كېسەل سەۋەبىدىن 40 مىڭ ئائىلىلىك، 149مىڭ ئادەم نامراتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 22 مىڭ ئائىللىك، 87 مىڭ ئادەم ئازايغان.

  مۇتەللىپ روزى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مۇھىم نۇقتىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»نى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ئۈچ بىر تۈركۈم» ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى داۋالىنىش كاپالەتكە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىر كېسەللىكلەرنى مەخسۇس قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىك بويىچە مەخسۇس داۋالىنىش تۈرىنى 32 گە كېڭەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 63 ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانا 56 نامرات ناھىيەدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا بىلەن «ئۆز-ئارا» ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيىتتى. ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش ئاساسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يېزا-كەنت ئىككى دەرىجىلىكتىكى «بوش نۇقتا»نى دەل جايىدا تېپىپ، نامرات ئاھالىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئورنى، دوختۇرى، تۈزۈم كاپالىتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ