مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

4-نۆۋەتلىك بېشبالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2019.08.23 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېشبالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلىتىمىز ئىچىدىن كەلگەن 44 مۇتەخەسسىس، ئالىم «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئاساس قىلىپ، «يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى نەزىرىدىكى بېشبالىق ئىلمىي تەتقىقاتى»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى رۇڭ شىنجياڭ بېشبالىق ئىلمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات يۆنىلىشىگە قارىتا ئىجابىي يېتەكچى پىكىر بايان قىلدى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، گۇگۇڭ مۇزېيى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، كۈسەن تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق 20 ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بېشبالىق ئارخېئولوگىيەسى، تارىخى، مەدەنىيىتى، بۇتخانا قۇرۇلۇشى، بېشبالىق قەدىمكى جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق باش تېمىلاردا ئايرىم-ئايرىم مەخسۇس سۆز قىلىپ، بېشبالىق ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

  بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى ئىلگىرى بۇ يەردە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى بىر تۇتاش باشقۇرغان. بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى خەن، تاڭ سۇلالىلىرىدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ شاھىدى بولۇپ، «تارىخنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى» دەپ ئاتالغان.

  بېشبالىق ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لو يۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان، بېشبالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى 100دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىملار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسى ۋە كەڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى ۋە قەدىمكى بېشبالىق رايونىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش شىنجاڭنىڭ تارىخىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ شەرھلەش، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ