شىنجاڭ قەشقەر: ئاق كەپتەرلەر كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىغا يېتەكلىدى

2019.08.23 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  پاتىگۈل ياسىن كەپتەرخانا ئىچىدە كەپتەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە ( 8- ئاينىڭ 14- كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇشۇ كىچىك-كىچىك كەپتەرلەر شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى يېڭى ئۆستەڭ يېزىسى ئەلەمباغ كەنتىدىكى دېھقان پاتىگۈل ياسىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا باشلىدى.

  پاتىگۈل بۇ يىل 36 ياشقا كىردى، ئىككىنچى قىزى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا، ئۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلە بولۇپ قالدى. پاتىگۈل يولدىشى بىلەن بىللە بىر تەرەپتىن ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىرتەرەپتىن ئۈچ كىچىك بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ يۈرۈپ، تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. 2017- يىلى، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق ئالتە كەنتتە «ئۆز جايىدا تەربىيەلەش، كەپتەر تارقىتىش، مەبلەغ ياردەم بېرىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاپالىتى، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش»تەك كەپتەرچىلىك باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، 617 نامرات ئائىلىگە كەپتەر بېقىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. پاتىگۈل تەربىيىلەشكە قاتناشتى. پاتىگۈل تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، قەشقەر شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشلىدى. ئۇ تېخنىكىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، يەنە نامراتلارنى يۆلەشكە بېرىلگەن 24 جۈپ كەپتەرنى ئېلىپ، كەپتەر بېقىشقا باشلىدى. ھازىر پاتىگۈل بىلەن يولدىشى قەشقەر شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشلەيدۇ، ئىش ئۇقىدىغان چوڭ قىزىمۇ قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە كەپتەرچىلىك شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزى باققان گۆش كەپتىرى بىلەن بۇ يىل 8- ئايدا پاتىگۈل ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 6 - 7 مىڭ يۈەنگە يەتتى. پاتىگۈل مۇنداق دېدى: كەپتەر بېقىش ئارقىلىق بۇنچە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. بۇندىن كېيىن يەنە ئۆيدە تېخىمۇ كۆپرەك گۆش كەپتىرى بېقىپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزگۈم بار .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ