مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز تۇنجى قېتىم قازاقىستاندىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلدى

2019.08.22 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، قازاقىستاندىن كەلتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم توڭلىتىلغان كالا گۆشى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن كىرگەن بولۇپ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم قازاقىستاننىڭ كالا گۆشىنى ئىمپورت قىلىشى ئىكەن.

  بۇ تۈركۈمدىكى ئىمپورت قىلىنغان كالا گۆشىنىڭ ئېغىرلىقى 18 توننا 740 كىلوگرام، قىممىتى تەخمىنەن 302 مىڭ 300 يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، قورغاس تاشيول پورتىدىن كىرگەن. قورغاس تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ كالا گۆشى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلارغا سېلىنىدۇ، باھاسى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى تاۋارلارنىڭكىدىن %15 تۆۋەن بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  2018-يىلى 6-ئايدا، ئېلىمىز تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى كېلىشىم ئىمزالاپ، جۇڭگونىڭ تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كالا گۆشىنىڭ ئېلىمىز بازىرىغا كىرىپ، ئېلىمىزنىڭ كالا گۆشى بازىرىدىكى كەملىكنى تولۇقلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

  ئىمپورت سودىگىرى ئىچكى موڭغۇل جىنخاڭگەي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۈي ياڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم قازاقىستاندىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلدۇق، قازاقىستاندىن قورغاس پورتىغىچە پۈتۈن مۇساپىدە «قوش غەرب تاشيولى» بويىچە ئالتە سائەت يول يۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان توشۇش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، توشۇش ۋاقتىنى قىسقارتتۇق. بۇ يىل شىركەت قازاقىستاندىن 3000 توننا كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى مۆلچەرلىدى، كېلەر يىلى ئىمپورت كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ