ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يەنە بىر تۈرلۈك يېڭى مۇلازىمەتنى يولغا قويدى

2019.08.22 16:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن يۈخەن خەۋىرى، فوتوسى) ئىلگىرى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا بىر كېچە قونۇپ ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ئەتىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرەلمەيتتى، يۈك-تاقلىرىنىمۇ ھاۋالىلىك توشۇشقا بېرەلمەيتتى، ئوتتۇرا يولدا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلار يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ مېھمانخانىغا بېرىپ، ئەتىسى يەنە بىر نەچچە سائەت بۇرۇن ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا كېلىپ، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى قايتا بېجىرىدىغان بولۇپ، بۇ ناھايىتى قولايسىز ئىدى.

  8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، بىر كېچە قونۇپ ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئايروپىلان ئالمىشىش مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ ئەتىسى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقىش ۋە يۈك-تاقلىرىنى ھاۋالىلىك توشۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە، ئىككىنچى كۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى بويىچە ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا ئالدىن كېلىپ ئايروپىلانغا چىقسىلا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا پەقەت T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدىلا بۇ مۇلازىمەت يولغا قويۇلغان بولۇپ، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىغا يېتىپ كەلگەن يولۇچىلار T1 ،T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا بىر كېچە قونۇپ ئايروپىلان ئالمىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ