مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 20- قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش باشلاندى

2019.08.19 16:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي، ئىختىيارىي مۇخبىرى شياۋ يۈلېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 16- كۈنى، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ ئۆركىشى تۆۋەن ئېقىندىكى داشىخەيزى سۇ ئامبىرىغا يېتىپ باردى، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىكى كەلكۈن چۈشۈرگۈسى ۋە يېڭى سۇ قويۇپ بېرىش چۈشۈرگۈسى ئىلگىرى - كېيىن ئېچىلدى، بۇ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 20- قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2019- يىلى، سۇ يەتكۈزۈشنى تەڭشەش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدا سۇ ئامبىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ پۇختىلاش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى. تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 20- قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشتە ئۆتۈشمە شەكىللىك قويۇپ بېرىش قوللىنىلغان بولۇپ، سۇ ئامبىرىدا ۋاقتىنچە سۇ ساقلانمايدۇ، بۇ قېتىم 350 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش نەتىجە - ئۈنۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

2000- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 19 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى تەشكىللىدى، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىن جەمئىي 7 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر سۇ تۆۋەنگە قويۇپ بېرىلدى. سىجىل سۇ يەتكۈزۈش تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى، سۇ يەتكۈزۈلگەن رايوننىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ ئورنى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلۈپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى روشەن ياخشىلاندى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈرى ۋە سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، سۇ مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى.

كېيىنكى قەدەمدە، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئېكولوگىيەلىك توسمىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىپ، ئىككى قىرغاقتىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا سۇ تولۇقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەريا چارلاش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، لىنىيە بويىدا قانۇنسىز سۇ تارتىشنى چەكلەپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارىنىڭ تولۇق يەتكۈزۈلۈشىگە ھەم پۈتۈنلەي ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ